ساغلاملىق
يۈرەك سانجىقى ۋە ئۇنى داۋالاش
ئاددىي قىلىپ ئېىيتقاندا، بەدەندە سۇ كەملىك كۆپلىگەن كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈرەك سانجىقى بەدەندە سۇ كەملىكنىنىڭ ئىپادىسىدۇر. يۈرەك كېسىلى ۋە ئۆپكە كېسىلىنىڭ تۈرلىرى كۆپ، ناملىرىمۇ كۆپ، ئۇزۇن مەزگىللىك سۇسىزلىنىش ئۇلارنىڭ ئورتاق كېسەللىك سەۋەبىدۇر. كۆپچىلىك ساموئېل كورۈي ئەپەيدى ۋە لورېنتتا جونسون خانىمنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مەن بۇ ئىككى پارچە خەتنى ئىسپات سۈپىتىدە بۇ كىتابقا كىرگۈزدۈم. لى گورۈي ئەپەندى سۇ ئىچىش مىقدارىنى كۆپەيتكەندىن كېيىن يۈرەك سانجىقى يوقاپ كەتكەن. ئۇنىڭ يەنە قىزىلئۆڭگەچ تۆشۈكى چوقۇقى بولۇپ بۇ كېسىلىمۇ ياخشىلىنىۋېتىپتۇ. ۋاقتى كەلگەندە ئۇنىڭ قىزىلئۆڭگەچ تۆشۈكى چوقۇقىمۇ پۈتەنلەي ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. سىلەر يەنە لورېنتتا جونسون خانىمنىڭ خېتىنى ئوقۇپ بېقىڭلار. لورېنتتا جونسون خانىمدەك 90 ياشلىق ياشانغان ئايالمۇ سۇ ئىچىش مىقدارىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق يۈرەك سانجىقىنى ساقايتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان. ئۇنىڭ ھازىر دورا يېيىشى ھاجەتسىز.