ساغلاملىق

كۆپ جىنسىي ھەمراھى بولۇش

1. كۆپ جىنسىي ھەمراھى بولۇش بۇ ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق جىنسىي ھەمراھى بىلەن داۋاملىق جىنسىي ئالاقىنى ساقلاپ كەلگۈچىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىلىشتىكى خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، جىنسىي ھەمراھ سانى قانچە كۆپ بولسا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرى شۇنچە زور بولىدۇ.

2. نۇقتىدا كۆزىتىش بۇ مۇقىم ئورۇن، مۇقىم ۋاقىت ئىچىدە ئالاھىدە ئادەملەر توپى ئارىسىدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۈزلۈكسىز توپلاپ، شۇ جايدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ۋەزىيىتىنى ئىگىلەش ھەم ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى باھالاشنى ئاساس بىلەن تەمىنلەشتىكى بىر خىل ئاددىي ئۇسۇلدۇر.

3. ئەيدىز توغرىسىدا مەسلىھەت سوراش ۋە تەكشۈرتۈش بۇ كىشىلەرنىڭ مەسلىھەت سورىغاندىن كېيىن ئەيدىزنى تەكشۈرتۈش توغرىسىدا ئاقىلانە تاللاش جەريانى بولۇپ، ئىختىيارىي بولىدۇ، مەخپىيەتلىكى ساقلىنىدۇ. ئىختىيارىي مەسلىھەت سوراش: تەكشۈرتۈشتىن ئاۋۋال مەسلىھەت سوراش، تەكشۈرتۈشتىن كېيىن مەسلىھەت سوراش، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك مەسلىھەت سوراش، قوللاش خاراكتېرلىك مەسلىھەت سوراش ۋە ئالاھىدە ئېھتىياجغا قارىتا مەسلىھەت سوراش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىختىيارىي مەسلىھەت سوراش ۋە تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرى بالدۇر بايقىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆز ۋاقتىدا داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. تەكشۈرۈلگۈچى (بولۇپمۇ يۈقۇملانغۇچى) پسىخىكىلىق قوللاشقا ئېرىشىپ، خەتەرلىك ھەرىكىتىنى ئازايتىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ئەيدىز توغرىسىدا ئىختىيارىي مەسلىھەت سوراش ۋە تەكشۈرتۈشنى خالىغۇچىلار ئۆلكە، شەھەر (ۋىلايەت)، ناھىيە (رايون)لىك كېسەل مۇداپىئە – كونترول مەركەزلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى بەلگىلىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسلىھەت بېرىش ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى تاسقاپ تەكشۈرۈشىدىن ھەقسىز بەھرىمەن بولالايدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى