ساغلاملىق

ئەيدىز ۋىروسىدىن بولغان تىبۇركىليۇز

ئەيدىز جىنسىي تارقىلىشچان كېسەللەرنىڭ بىرى بولۇپ، تارقىلىش يوللىرى، خەتەرلىك ھەرىكەتلەر، چېتىلىدىغان ئادەملەر توپى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى جەھەتتە ئادەتتىكى جىنسىي كېسەللەر بىلەن نۇرغۇن ئورتاقلىققا ئىگە. بولۇپمۇ جىنسىي ئەزالىرىدا يارا بار بولغان جىنسىي كېسەل ئاغرىقلىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ ھەم ئەيدىز كېسىلىنى تارقىتىدۇ. باشقا جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار ئەيدىز ۋىرۇسى  بىلەن يۇقۇملانغاندا، بەدەن ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىشى سەۋەبلىك جىنسىي كېسەل جەريانى ئۇزاققا سوزۇلۇپ، كېسەل ئەھۋالى ئېغىرلايدۇ – دە، داۋالاش قىيىنلىشىدۇ ھەم ئاسانلا قايتا قوزغىلىدۇ، نەتىجىدە جىنسىي كېسەلنىڭ يۇقۇش دەۋرى ئۇزىراپ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ. جىنسىي كېسەلنى ۋاقتىدا داۋالىغاندا جىنسىي يول ئاجرالمىلىرىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىلىشنىڭ خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. شۇڭا جىنسىي كېسەللەرنى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئەيدىز كېسىلى تارقىلىشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشتىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.

تۇبېركۇليوز كېسىلى ئەيدىز ئاغرىقلىرىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش بولۇپ، تۇبېركۇليوز تاياقچە باكتېرىيىسى  ۋە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن قوش يۇقۇملىنىش كېسەل ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى ئاللىقاچان تۇرغۇن ھالەتكە ئۆتكەن كونىرىغان تۇبېركۇليوز كېسەل ئوچاقلىرى قايتىدىن جانلىنىپ، بەدەن ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، قايتىدىن تۇبېركۇليوز تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، بەدەندىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كۆپىيىشى تېزلىشىدۇ، ئادەتتە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان نورمال ئادەم تۇبېركۇليوز تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملانسا، ئۆمرىدە تۇبېركۇليوز كېسىلى بىلەن ئاغرىش پۇرسىتى %10 بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدا تۇبېركۇليوز كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى بىر يىلدىلا %10 بولىدۇ. تۇبېركۇليوزنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئوخشاشماسلىقى شۇ يەردىكى، تۇبېركۇليوز ئاغرىقلىرى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئىچىپ، سىستېمىلىق داۋالانسا، تۇبېركۇليوز كېسىلىنىڭ ساقىيىش نىسبىتى %95 تىن ئېشىپ كېتىدۇ، ستاتىستىكىغا ئاسالانغاندا، ھازىر پۈتۈن دۇنيادا  ئۈچتىن بىر قىسىم ئەيدىز ئاغرىقى تۇبېركۇليوز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىكەن. دېمەك، تۇبېركۇليوز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى