ساغلاملىق

قىزىل لېنتا

قىزىل لېنتا — دۇنيا ئەيدىز نىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاشنىڭ خەلقئارالىق بەلگىسى قىزىل لېنتا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشنىڭ خەلقئارالىق بەلگىسى بولۇپ، 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا دۇنياغا كەلگەن. بىر قېتىملىق دۇنيا ئەيدىز چوڭ يىغىنىدا كىشىلەرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىنى چۈشىنىشىنى مۇراجىئەت قىلىپ، بىر تال ئۇزۇن قىزىل لېنتىنى يىغىن مەيدانىنىڭ ئاسمىنىغا قويۇۋەتكەن. قوللىغۇچىلار قىزىل لېنتىنى كېسىپ، چىرايلىق قاتلاپ شەكىل چىقىرىپ ئىلغۇچ بىلەن مەيدىسىگە تاقىۋالغان.

قىزىل لېنتا بىر تال بەلباغقا ئوخشاش پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنى مەھكەم باغلاپ، ئەيدىزگە ئورتاق قارشى تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ، ئۇ كىشىلەرنىڭ  ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىنىڭ، ھاياتلىققا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە باراۋەرلىك ئارزۇسىنىڭ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش خىزمىتىگە چىن دىلى بىلەن قاتنىشىشىنىڭ سىمۋولى.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى