ساغلاملىق

بويىغا يەتكەن قىزلاردا ئەيدىز كېسىلى بىلەن

بويىغا يەتكەن قىزلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى ئوغۇللارغا قارىغاندا بەش ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن

ئادەتتە 14 ياشتىن ئاشقان ئۆسمۈرلەر زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش، خەتەرلىك جىنسىي ھەرىكەت قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. ئوغۇللار زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش قاتارلىق خەتەرلىك ھەرىكەتنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ. بويىغا يەتكەن قىزلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى ئوخشاش ياشتىكى ئوغۇللارغا قارىغاندا بەش ھەسسە  يۇقىرى بولىدۇ.

بىئولوگىيە ۋە ئىجتىمائىي تەرەپلەردىن قارىغاندا، ئەرلەرنىڭ زورلۇق ئىشلىتىشى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن، شۇنداقلا ئۆزىنى قوغداش ۋاسىتىسى ۋە بىلىملىرى كەمچىل قىزلار جىنسىي يول ئارقىلىق ئاسانلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدىكەن.

18 ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەرلا ئەمەس، 19ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ياشلارمۇ ئاسانلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردۇر. بۇ مەزگىلدىكى ياشلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجى ئۇرغۇپ تۇرغان، ھەۋىسى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا جىنسىي ھەمراھلىرى كۆپ، زەھەر چېكىش قاتارلىق خەتەرلىك ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلار ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، دۇنيادا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ %60ى 15 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىكەن.

مۆلچەرلىنىشىچە، 2004 – يىلىغىچە دۇنيادا ئەيدىزگە گىرىپتار بولغان يېتىم بالا 20 مىليونغا يېتىدىكەن. 2010 – يىلىغا بارغاندا ئەيدىزگە گىرىپتار بولغان يېتىم بالا 25 مىليونغا يېتىدىكەن.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى