ساغلاملىق

مىتادون بىلەن زەھەر چەككەنلەرنى

مېتادون بىلەن زەھەر چەككۈچىلەرنى داۋالاش شپىرىسنى تەڭ ئىشلىتىش سەۋەبىدىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. مېتادون بىلەن داۋالاش ئەپيۈن تۈرىدىكى دورىلارغا تايىنىدىغان بولۇپ قالغانلارنى داۋالايدىغان قۇلايلىق، قانۇنلۇق، تېببىي جەھەتتىن بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلىدۇر. مېتادون بىلەن داۋالىغاندا زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ زەھەرنى ئۇزاققىچە قانۇنسىز ئىشلىتىشىدىن ساقلانغىلى ھەم ئەپيۈن تۈرىدىكى دورىلارغا تايىنىدىغان بولۇپ قالغانلارنىڭ خروئىنغا خۇمار بولۇپ قېلىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. زەھەر چەككۈچىلەرگە مېتادوننى ئۇزاققىچە ئىشلىتىش بىلەن بىللە، پسىخىكا جەھەتتىن داۋالاش، ھەرىكەت جەھەتتىن ئارىلىشىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغاندا، ئۇلار نورمال كىشىلەردەك ياشىيالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن شپىرىسنى تەڭ ئىشلىتىش سەۋەبىدىن ئەيدىز قاتارلىق كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ. مېتادون بىلەن داۋالاشتا كۈنىگە بىرلا قېتىم دورا ئىشلىتىلىدۇ، ھەر بىر قېتىمغا ئون يۈەن كېتىدۇ.  ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە مېتادون بىلەن داۋالايدىغان ئامبۇلاتورىيىدىن بەشى بولۇپ، ئۇلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4 – دوختۇرخانا مېتادون بىلەن داۋالاش ئامبۇلاتورىيىسى، داۋان يېزىلىق دوختۇرخانا مېتادون بىلەن داۋالاش ئامبۇلاتورىيىسى، تۇدۇڭخابا رايونلۇق مېتادون بىلەن داۋالاش ئامبۇلاتورىيىسى، 1 – ئاۋغۇست پولات – تۆمۈر زاۋۇتى رايونىنىڭ جەنۇبىي بازىرى مېتادون بىلەن داۋالاش ئامبۇلاتورىيىسى، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەركىزى مېتادون بىلەن داۋالاش ئامبۇلاتورىيىسىدۇر.

مېتادون بىلەن داۋالانماقچى بولغانلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك: (1) زەھەر تاشلاش ئۈچۈن كۆپ قېتىم داۋالانغان بولسىمۇ يەنىلا خۇمىرى تۇتۇپ تۇرغانلىقتىن ئەپيۈن تۈرىدىكى زەھەرلەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلار بولۇشى؛ (2) يېشى 20 ياشتىن تۆۋەن بولغانلار بولۇشى؛ (3) مېتادون بىلەن داۋالاش ئورۇنلىرى تۇرۇشلۇق ناھىيە(شەھەر، رايون)لاردا تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر بولۇشى ياكى شۇ ئورۇندا تۇرغىلى ئالتە ئايدىن ئاشقان ھەم ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى ئالغان سىرتتىن كەلگەنلەر بولۇشى؛ (4) تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلار بولۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەركىزى زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ سەمىگە شۇنى سالىدۇكى، مېتادون بىلەن داۋالانغاندا چوقۇم كۈندە دورا ئىچىپ تۇرۇشى؛ زەھەردىن ئۆزىنى چەكلىشى، ناركوز دورىلىرى ياكى غىدىقلاش تۈرىدىكى دورىلارنى ئىشلەتمەسلىكى، ھاراق ئىچمەسلىكى؛ قەرەللىك ياكى قەرەلسىز ھالدا مورفىن تەكشۈرتۈشىنى قىلدۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى