ساغلاملىق

ئەيدىزنىڭ قاندىن يۇقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك

 زەھەر ئىستېمال قىلىپ باقمىغانلار زەھەر ئىستېمال قىلىشنى سىناق قىلماسلىقى، زەھەرگە خۇمار بولغانلار زەھەرنى دەرھال تاشلىشى  كېرەك. چۈنكى زەھەر ۋېناغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇلغاندا ئەيدىز ۋىرۇسى ئاسان يۇقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە زەھەر ئىستېمال قىلغۇچىلار زەھەرنى ۋېناغا ئوكۇل قىلىش ئۇسۇلىغا ئاسان ئادەتلىنىپ قالىدۇ. ئاغرىقلار قان سالماقچى بولغاندا چوقۇم قاننىڭ كېلىش مەنبەسى بىخەتەر بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى، قان سالماقچى بولغان ئاغرىقنىڭ سۈرۈشتۈرۈشكە ئامالى بولمىسا، ئۇنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. چەت ئەلدىن خالىغانچە قان ئېلىپ كىرمەسلىك، ئىشلەتسىمۇ ئىشلەتمىسىمۇ بولىدىغان قاننى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. مۇھىمى، قانۇنسىز يەر ئاستى قان ئېلىش نۇقتىلىرىغا بېرىپ قان ئالماسلىق كېرەك. ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا پىلانلىق ئىممۇنىتېت ئوكۇلى ئۇرۇپ تۇرۇشنىڭ لازىملىقى، بىر قېتىمدا بىر ئوكۇل ئۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. بۇ ئىشقا بالىلار باغچىسى، يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپلەرمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بالىلارغا ئوكۇل ئۇرغاندا بىر ئىشپىرسنى بىرقانچە بالىغا بىللە ئىشلىتىشتىن ئاگاھ بولۇش كېرەك .

دوختۇرخانا ياكى ئامبولاتۇرىيىلەردە چىشىنى تارتقۇزماقچى، ئېغىز بوشلۇقى كېسىلىنى داۋالاتماقچى، ئوكۇل سالدۇرماقچى، يىڭنە سانجىتىپ داۋالاتماقچى بولغانلار چوقۇم شۇ داۋالاش ئورنىنىڭ دېزىنفېكسىيە قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرگەن ياكى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلېكىنى ئىگىلىشى، داۋالاش سايمانلىرىنى ياخشى دېزىنفېكسىيە قىلماي داۋالىماقچى ياكى تەكشۈرمەكچى بولسا (مەسىلەن: ئىچكى قىسىمنى تەكشۈرۈش ئەينىكى بىلەن) ئۇنى چوقۇم رەت قىلىشى كېرەك. دورا بىلەن كېسەلنى داۋالىغىلى بولسا ئوكۇل سالدۇرماسلىقى، ئوكۇلنى  مۇسكۇلغا ياكى ۋېناغا سېلىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى كېرەك. دېزىنفېكسىيە قىلىشى ياخشى بولمىغان ساتىراشخانا، ھۆسن تۈزەش ئورۇنلىرىدا چاچ ئالدۇرماسلىق، ھۆسن تۈزەتمەسلىك كېرەك. چاچ ئېلىش، ھۆسن تۈزەش سايمانلىرى ياخشى دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان بولسا، خېرىدارلار ساقال – بۇرتىنى ئالدۇرۇش، قۇلاق تەشكۈزۈش، قاش چەكتۈرۈش جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى