ساغلاملىق
ھامىلىگە زىيانلىق خىزمەتلەر (2)
1. قوغۇشۇن ، سىماب قاتارلىق مېتاللار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئاياللار . بۇنداق ئاياللار ھامىلدار بولسىمۇ ، بويىدىن ئاجراپ كېتىش ۋە ھامىلە ئۆلۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئېشىپ كېتىدۇ . سىماب ھامىلىنى غەيرىي يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ ، قوغۇشۇن بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ . گۇڭگۇرت تۆت ئوكسىدى ، كىسلېن ، فېنېل ، بېنزىن قاتارلىق ئورگانىك ماددىلار ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كېتىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ .
2 . يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق ، شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار . بۇنداق مۇھىت ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز .