ساغلاملىق

بالىنىڭ ئوغۇل قىزلىقىنى ئايرىش ئۇسۇلى

ﻳﻪرﻛﻪﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮬﯚﻛﯜﻣﺎ (ﺗﯧﯟﯨﭗ) ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﻪﻟﻰ ھەزىرەت تەرىپىدىن  1520-1533 -يىللىرى سۇلتان سەئىد باھادىرخاننىڭ پەرمانىغا ئاساسەن يېزىلغان <<ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﯨﻞ ﺋﯩﻼﺝ>> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎپ دەسلىپىدە شۇ زامانلاردىكى ئەدەبىي تىل پارىس تىلىدا يېزىلغان، كېيىن يەنە مەزكۇر كىتابنىڭ ئەمەلىي پايدىلىنىش قىممىتىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە سۇلتان سەئىدخاننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن چاغاتاي ئۇيغۇرچىسىدا يېزىلغان.

بويىدا قالغانلىقنىڭ ئالامىتى: جىنسىي ئەزا قۇرۇق بولىدۇ ھەم كىچىك بولىدۇ.جنىسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن سوغۇقتا توڭغاندەك ھېس قىلىدۇ. جنىسىي ئىشلار مەيلى ئاز بولسۇن ئادەت كۆرۈش توختايدۇ، ئەمچەكنىڭ ئۇچى قارا، كۆزنىڭ ئېقى كۆكۈش  بولىدۇ.كۆڭلى ئاچچىق -چۈچۈك نەرسىلەرگە تارتىدىغان بولىدۇ.

  بالا ئوغۇل ئىكەنلكنىڭ ئالامىتى: ئايال كىشىنىڭ رەڭگى چىرايلىق، ئوبدان بولۇشى بىلەن كۆكرىكى قىزىل بولىدۇ. بالنىڭ ھەرىكىتى ئوڭ تەرەپتە سىېزىلىدۇ. كۆكرىكنىڭ ئوڭ تەرىپى سول تەرىپىدىن چوڭ بولىدۇ. بالىنىڭ ھەرىكىتى قاتتىق سۈيدۈكى رەڭلىك بولىدۇ. قورسىقى كۆپىنچە ئىگىز بولىدۇ. ئايال ئىشتھالىق بولىدۇ.

بالا قىز ئىكەنلكنىڭ ئالامىتى: ئايالنىڭ رەڭگى ئۆچەك بولىدۇ. بالا كىچىكىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بالىنىڭ ھەرىكىتى سول تەرەپتە سېزىلىدۇ، كۆكرىكى قارا بولىدۇ. سول تەرىپى چوڭ بولىدۇ. سۈيدىكى ئاق، قورىسقى پەستىرەك بولىدۇ. لاي، كۆمۈر، توپا،گەجدەك نەرسىلەرگە ھەۋەس قىلدىغان بولىدۇ. بەك ئىشتىھالىق بولىدۇ. بۇ ئەھۋال بالنىڭ قىز ئىكەنلىكنى كۆرسىتىدۇ، بۇقرات ھەكىم ئايال كىشىنىڭ بويىدا بارلىقى گۇمان بولسا، 20گرام ھەسەلنى سوغۇق سۇدا ئېزىپ، ياتار چاغدا بەرسە كىندىكى تولغاپ ئاغرىسا بويىدا بار، دەپ قارايمىز. يەنە بىر كۈن تاماق يىدۈرمەي ئۇدقا ئوخشاش خۇشپۇراق نەرسىلەرنى پۇرىتمىز، پۇرىمىسا بويىدا بار، دەپ قارايمىز.

يەنە بالىنىڭ ئوغۇل قىزلىقنى مەلۇم قىلدىغان بەلگىلەردىن زىراۋەننى سوقۇپ، ھەسەل بىلەن خىمىر قىلىپ، يۇڭ بىلەن جىنسىي ئەزاسىغا قويىمىز. ۋاقىت توشقىچە ھىچ نەرسە يىمەيدۇ. ئەگەر ئاغزىدا تاتلىق مىزە تەم بولسا بالا ئوغۇل، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا قىز دۇر. ئەگەر ئاغزىدا ھىچقانداق تەم بولمىسا ھامىلدار ئەمەستۇر.

ئۇندىن باشقا ھامىلدار ئاياللارنىڭ سۈيدۈكى سۈزۈك بولىدۇ، ئۈستىدە دانچىلار بولىدۇ. كۆپىنچە نۇقۇت سۈيىدەك ياكى باپىچى سۈيىدەك بولىدۇ. ئۇنىڭ سېرىقلىقى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭگە مايىل كىلىدۇ.چۆكمە بولىدۇ. ھامىلدارلىقنىڭ دەسلىپىدە سۈيدۈكتە قىزغۇچ قوڭۇر رەڭ كۆرۈلۈپ، ئاخىرىدا قىزىلغا ئۆزگىرىدۇ، داۋالغۇتسا، دۇغلىشىدۇ. ئەگەر سۈيدۈكنىڭ ئۈستىدە ئاق، نىپىز پەردە بولۇپ پۈتۈن سۈيدۈكنىڭ يۈزىنى ياپسا، قورساقتىى بالا ئوغۇل بولىدۇ. ئەگەر سۈيدۈكنىڭ بىر قىسمى يېپىلسا، بالا قىزدۇر. ئاق پەردىدە ئازراق دانىچە كۆرۈلسە، قورساقتا بالا يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، يەلنىڭ بەلگىسىدۇر.2~3 بولغان ھامىلدار ئايالنىڭ سۈيدۈكى سۇيۇق، سۈزۈك بولىدۇ.

4 ئايلىق بولغاندا سۈيدۈك قىزلىغا مايىل، لېكىن بىر ئاز دۇغراق كېلىدۇ. ئەگەر دۇغلۇقى كۆپەيسە، ھامىلنىڭ چۈشۈپ كېتىدىغانلىقنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر دۇغ ئاز بولۇپ، بوتۇلكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا يەتسە، ھامىلىنىڭ سالامەتلىكنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر دۇغ بوتۇلكىنىڭ ئۈستىدە بولسا، بۇ يەلنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ھامىلنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە << ئەبۇ ئەلى سىنا نىڭ جەۋھەرلىردىن تاللانما >> باملىق قوليازما ئەسەردە خاتىرلىنىشچە :

1. ھامىلدار ئايالغا سۇت پەيدا بولغاندا بىر قاچىغا ساغسا ( سۇت ) ئىتتىك ئۇيۇسا بالا قىز تۇغۇلىدۇ. ئىتتىك ئۇيۇمىسا بالائۇغۇل تۇغۇلىدۇ.  ۋە ۇەنە ئەينەكنى ئاپتاپتا قىزىتىپ ھامىلدار ئايالنىڭ سۇتىنى ئەينەككە تېمىتسا ئەگەر سۇت ئۇنچىگە ئوخشاش بولۇپ قالسا ئۇغۇل تۇغىدۇ،  ئەينەك ئۇستىگە سۇت يېيىلىپ كەتسە قىز تۇغىدۇ.

2. ھامىلدارئايالنىڭ تومۇرلىرى ئادەمگەبىلىنگىدەك ھالدا قىزىل بولسا ئۇغۇل تۇغىدۇ، ئەگەر تومۇرى تىگى- تىگىدىن كۇكۇش بولسا قىز تۇغىدۇ.

3. كېلەنىڭ ئۆتىنى قۇرۇتۇپ ، ئازىراق ئىپار زەفەر بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ئايال كىشى  شىياف قىلىپ يېقىنچىلىق قىلسا بالىسى ئۇغۇل تۇغۇلىدۇ. دەپ خاتىرلەنگەن .

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى