ساغلاملىق

ھامىلدارلىققا دىئاگنوز قويۇش

ئۇيغۇر تىبابىتىدە  ھامىلىدارلىققا دىئاگنوز قويۇش ۋە ھامىلىدارلىقتىكى ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرنى بايقاش، بىر تەرپ قىلىش ئۇسۇللىرى يۇقىرىدىكى ماۋزۇللاردا تونۇشتۇرۇلدى. تۆۋەندە تېبابەتنىڭ قەدىمكى ئۇسۇللىرى بىلەن زامانىۋى تېبابتنىڭ قەدىمكى ئۇسۇللىرىنى بىرلەشتۈرگەن ھالدا ھامىلىدارلىقا دىئاگنوز قويۇش ۋە يېڭىچە تۇغۇت قوبۇل قىلىشنىڭ بىر قاتار ئۇسۇل-چارىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. يېڭى دەۋرىگە خىزمەت قىلىدىغان تېبابەت ۋارسىلىرىنىڭ بۇ بىر تۇغۇتشۇنالىق بىلىملىرىدىن ئەلۋەتتە خەۋەردار بولۇشى ۋە ئىگىلىشى زۆرۈر.

ھامىلىدارلىقنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىنىڭ ئومۇمىي جەريان مۇنداق ئۈچ باسقۇچقا بۆلىنىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ 12-ھەپتىسىنىڭ ئالدى دەسلەپكى باسقۇچتىكى ھامىلىدارلىق، 12-28 ھەپتىگىچە بولغان قىسمى ئوتتۇرا باسقۇچتىكى ھامىلىدارلىق، 28-40 ھەپتىسىنى ئاخىرقى باسقۇچتىكى ھامىلىدارلىق دەپ ئاتىلىدۇ.

1. دەسلەپكى باسقۇچتىكى ھامىلىدارلىققا دىئاگنوز قويۇش.

1) ھەيز توختاش: تېنى ساغلام، ھەيز كۆرۈش توغرا بولغان تۇغۇش يېشىدىكى ئاياللاردا ھەيز توختاش ھادىسىسى سادىر بولسا ئالدى بىلەن ھامىلىدارلىقنى مۇھاكىمە قىلىش كېرەك.

2) دەسلەپكى ھامىلىدارلىق ئىنكاسلىرى (سىزىك): ئادەتت ھەيز توختاپ ئالتە ھەپتە ئەتراپىدا ئاياللاردا باش قېيىش، ئۇيقۇچانلىق، كۆڭۈل ئېلىشىش، تاماق تاللاش، ئشتىھا تۇتۇلۇش، شۆلگەي ئقىش ھەتتا قۇسۇشتەك ئالامەتلەر يۈز بېرىدۇ. ئادەتتە بۇلار ھامىلىدالىقنىڭ دەسلەپك ئىنكاسلىرى دەپ ئاتىلىدۇ، تەخمىنەن 12 ھەپتىدىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقىلىدۇ

3) تومۇر رايونى: بىلەيزۈك بوغۇمدىن ئوڭ، سول قوللرنىڭ تومۇرىنى تۇتقاندا سىلىق بولسا،  بولۇپمۇ سول قول تومۇرى سىلىق بىلىنسە ھامىلىدارلىق ھادىسىسى ئىكەنلىكىنى ئويلىشىشى لازىم.  ئەمما تېنى ئاجىز، ئاياللارنىڭ تومۇرى ئادەتتىكى چاغلاردىم (ئاجىز) زەئىپ سوقىدۇ. ئەگەر ھەيز توختىغىلى ئىككى ئاي بولغاندىمۇ بىلەيۈزۈك بوغۇمدىن تومۇرنى قارشىلىقسىز تۇتقىلى بولسا ھامىلىدارلىقنى ئەسكە ئېلىش كېرەك.

4) ئىچكى تەكشۈرۈش: جىنسىي يول تاملىرى، بالىياتقۇ بوينى كۆكۈش سۆسۈن رەڭگە كىرىدۇ ۋە بوشاپ كېتىدۇ. بالىياتقۇ يوغىنىغان، يۇمشاقلاشقان بولىدۇ، بالىياتقۇ خۇددى تۇتاش ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ. بۇ ئىپتىدائى ھامىلدارلىق بەلگىلىرىدۇر. ھامىلىدارلىق ئەمدىلا باشلانغاندا بالىياتقۇنىڭ ئالدى-ئارقا دىئامېتىرى قېلىنلىشىپ تولغاندەك بىلىنىدۇ، ئالتە ھەپتىدە شار شەكلىگە كىرىدۇ. كېيىن ھامىلىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ پەيدىن-پەي يوغىنايدۇ، ئالتە ھەپتىدە غاز تۇخۇمى چوڭلۇقىغا، 12 ھەپتىدە مۇشتۇمدەك چوڭلۇققا يېتىپ بارىدۇ، بالىياتقۇنىڭ تۈۋى داس سۆڭەكتىن ھالقىپ چىقىپ دوۋسۇن سۆڭەك بىرلەشمىسى ئەتراپىدا قولغا بىلىنىشى مۇمكىن.

5) ئمچەكتىكى ئۆزگىرىش: ئەمچەك زورىيىدۇ، ئەمچەك تۈگمىسى ۋە ئەتراپتىكى ھالقا سىزىقلار قارىيىدۇ، ئەمچەك چىڭقىلىدۇ.  باسسا ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

6) سۈيدۈكتىك ئۆزگىرىش: ھامىلىدارلىقتا سۈيدۈكتە چۆكمە پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ھامىلىدار ئايالنىڭ سۈيۈكىنى سۈزۈك ئاق شېشىگە ئېلىپ بىر مۇددەت توختۇتۇلسا خۇددى پاختا يىپلىرىغا ئوخشاش چۆكمە ئولتۇرۇشۇپ قالىدۇ.

2. ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى باسقۇچتىكى ھامىلىدارلىققا دىئاگنوز قويۇش.

ھاملىدارلىقنى 16-ھەپتىسىدىن كېيىن ھامىلىنىڭ قول-پۇتلىرى ھەركەتلىىشكە باشلىغانلىقى ئۈچۈن ھامىلىدار ئايال ھامىلە تەۋرىگەنلېكىن ھېس قىلىدۇ، قورسىقى تەدرىجىي زورىيىدۇ. تۇتۇپ تەكشۈرگەندە قورساق ئىچىدەبالىياتق تۈۋىنىڭ ئايمۇ-ئاي يۇقىرى كۆتۈرلىۋاتقانلىقى بىلىنىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ 20-ھەپتىسىدىن كېيىن قورساق تېى ئارقىلىق بالىنىڭ قول-پۇتلىرىنى ياكى خۇددى ليلەپ تۇرغان توپقا ئوخشاش بالىنىڭ كاللىسىنى بايقاش مۇمكىن. تىڭشاپ تەكشۈرگەنە ھامىلە يۈرەكنىڭ مىنۇتىغا 10-160 قېتىم سوققان ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. ھامىلە يۈرەك تاۋۇشىنى ئاڭلاش بىلەن دىئاگنوزنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولسىمۇ لېكن مەزكۇر ئاۋازنى ئانا ئائورتا تومۇرنىڭ ئاۋازىدىن پەقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش لازىم.

3. ئۈلۈك ھامىلىگە دىئانوز قويۇش.

ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدە ئۆلۈپ قالسا ئۆلۈك ھامىلە دپ ئاتىلىدۇ.

1) دەسلەپكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۆلۈك ھامىلىگە دىئاگنوز قويۇش: دەسلەپكى باسقۇچتىك ئۆلۈك ھامىلىنىڭ كۆپچىلىكى ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپ كېتىش بىلەن ھامىلىدارلىق ئاياغلىشىدۇ. ناۋادا چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى سادىر بولمىسا دىئاگنوز قويۇش تەسرەك بولۇپ، بىر مۇددەت كۆزۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ چاغدا ھامىلىدر ئايالنىڭ ئۆزىگە سېزىلىدىغان رېئاكسىيىلەر يوقىلىدۇ. ئىچكى تەكشۈرۈش قىلغاندا بالىياتقۇ داۋاملىق زورايمىغان بولۇپ بالىياتقۇنىڭ بۇ خىل ئەھۋالى ھاملىدارلىق ئېيى بىلەن ماس كەلمەيدۇ. يۇقرىقىلارغا قاراپ ھامىلە ئۆلۈپ قالغانلىقىنى گۇمان قىلىش كېرەك.

2) ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى باسقۇچتىك ئۆلۈك ھامىلىگە دىئاگنوز قويۇش: ھامىلىدارلىقنىڭ 16-ھەپتىسىدىن كېيىن ئەگەر ھامىلە ئۆلۈپ قالغان بولسا ھامىلىدار ئايالنىڭ جىنسىي يولىدىن قارامتۇل قان كېلىدۇ، تىلىنى سۆسۈن قارا رەڭ قاپلايدۇ. تومۇر چۆككەن بولىدۇ. تەكشۈرگەندە ھامىلىنىڭ يۈرە ئاۋازى ئاڭلانمايدۇ. بالىياتقۇنىڭ چوڭلۇقى ھامىلىدارلىق ئاي سانىغا قارىغاندا كىچىك بولۇپ داۋاملىق كۆزەتكەندىمۇ يەنىلا زورايمايدۇ. ئەكسىچە كىچىكلەپ كېتىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى