بوۋاقلاردىكى مەقئەت پۈتەيلىكى
تۇنۇش: بۇ يىڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ چوڭ تەرەت يۇلى پوتەي بۇلۇش نەتىجىسىدە چوڭ تەرەت قىلالماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ پەسىل ۋە جىنسى ئايرىمىسى بولمايدۇ.
سەۋەبى: مەقەت پوتەيلىكى تۇغما بۇلىدۇ. كۈپۈنچە بالىلار بالدۇر تۇغۇلۇش، قورساقتا يىتىلىشنىڭ نورمال بۇلالماسلىقى ياكى ئانىنىڭ ھامىلدار ۋاقتىدا تۈرەلمە تەرەققىياتىغا تەسىريەتكۈزىدىغان دوراقاتارلىق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش ئارقىسىدا تۈرەلمە يىتىلىشنىڭ غەيرى بولۇپ قېلىشى قاتارلىقلار سەۋەپ بۇلىدۇ.
ئالامىتى: مەقەت پوتەيلىك كىسىلى بىلەن تۇغۇلغان بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىنلا مەلۇم بۇلىدۇ. بەزى يىراق يېزا چەت جايلاردا ئائىلىدە تۇغدۇرۇلغان بالىلار تۇغۇلغان ۋاقتىدا دىققەت قىلىنماي قالغان بولسا 24سائەتكىچە ھامىلە تەرىتى كەلمەسلىك بارا- بارا قۇرسىقى كۈپۈش، قۇرسىقى چىڭقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۈرىلىدۇ. 2-3كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قورساق بەك ئىسېلىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بالىدا رۇشەن ئۇرۇقلاش ئىپادىسى كۈرىلىدۇ. بالا ئەممەيدۇ. كۆڭلى تۇتۇق بۇلىدۇ. بەدەن سۇيۇقلىقى كەمىيىدۇ.
مەقەت تۇغما تار بولغان بالىلاردا تەرەت چىقىش تەس بولغانلىقتىن تەرەت كاللەكچىلىرى كۆتەن ئۈچەي ئىچىدە قاتتىق تاشتەك قېتىپ كېتىدۇ. بۇنداق بالىلارنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشى ناھايىتى زور تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
داۋالاش: مەقەت پوتەيلېكىنى داۋالاشتا: دەستىكار ئۇسۇلى قوللۇنىلىدۇ. دەستىكار چارىسىنى ئىشلىگۈچى تىۋىپ زۈرۈر بولغان تازىلىق شەرتلىرىگە ئەمەل قىلغان ھالدا ئېلىشى لازىم.