يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا كۆپ مىقداردا ئوكسىگىن بەرسە راك بولۇش
ئەنگىلىيە‹‹ لۇد›› جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ يېقىنقى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشچە ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئۈچ مىنۇتتىن ئارتۇق ئوكسېگىن بېرىلسە ، بالىلىق دەۋرىدىلا راك بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلايدىكەن .
مىننۇسۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا تەتقىقاتچىلىرى 50 مىڭدىن ئارتۇق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئوكسېگىن بېرىش ۋاقتى بىلەن بالىلار راك كېسىلىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلغان . نەتىجىدە ئوكسېگىن يېتىشمىگەن بوۋاقلارغا ئىككى مىنۇت ئوكسېگىن تولۇقلىغاندا بالىلىق مەزگىلىدە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن ، ئەمما ئۈچ مىنۇت ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئوكسېگىن بەرگەندە ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئۈچ ھەسسە ئاشقان . ھازىر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئوكسېگىن بېرىش ئومۇميۈزلۈك مەۋجۈت . مۇتەخەسسىسلەر بالىلارغا ئۇزاق ۋاقىت ئوكسېگىن يېتىشمەسلىكنىڭ ئادىنى ئېلىپلا قالماي ، بەلكى يەنە ئوكسېگىن تولۇقلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن –قىسقىلىقىغىمۇ دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى .