ساغلاملىق

داۋاملىق بالىنىڭ ئەمگۈسى كەلسىلا ئەمگۈزۈش كېرەكمۇ ؟

بىز ئەمگۈسى كەلگەندە ئېمىتىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا قايتا-قايتا تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدۇق، ئۇنداقتا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەكمۇ؟ بۇ پۈتۈنلەي توغرا ئەمەس، ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاشقازىنى كىچىك بولۇپ، ئاز-ئازدىن، لېكىن كۆپ قېتىم ئېمىتىش كېرەك. ئاشقازاننىڭ سىغىمچانلىقى بارغانسېرى چوڭىيىدۇ، ھەرقېتىملىق سۈتنىڭ مىقدارىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. سۈتنىڭ ئاشقازاندا تۇرۇش ۋاقتىمۇ بارغانسېرى ئۇزىرايدۇ ۋە ئېمىتىدىغان ۋاقىتمۇ بارغانسېرى ئۇزىرايدۇ، تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئىككى –ئۈچ ھەپتىدە، ئادەتتە سۈت بالىنىڭ ئاشقازىنىدا ئىككى سائەت ئەتراپىدا تۇرىدۇ. بۇنداق بولغاندا تەرتىپلىك ئېمىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەخمىنەن ئىككى سائەتتە بىر قېتىم ئېمىتسە بولىدۇ. ئەگەر بالا ئىككى سائەتكە توشماي تۇرۇپ يىغلاپ كەتسە، بالىنى ئېمىتمەي، ئازراق قايناق سۇ ئىچۈرۈپ قويسا بولىدۇ. بالا ئېيىغا توشقاندىن كېيىن ئاشقازان تەخمىنەن ئۈچ سائەتتىن كېيىن ئاندىن بىكار بولىدۇ، شۇڭا ئۈچ سائەتتە بىر قېتىم ئېمىتسە بولىدۇ. ئۈچ-تۆت ئايلىق بولغاندىن كېيىن، تۆت سائەتتە بىر قېتىم ئېمىتسە بولىدۇ، بالا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئېمكانقەدەر تويغۇزۇپ ئۇخلىتىشى، بالىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولۇشى كېرەك. بۇ ۋاقىتتا ئەمگۈسى كەلگەندە ئېمىتىش شەكلى بىكار قىلىنىپ، ياخشى ئادەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى