ساغلاملىق

قۇرغاقلىق ۋە كىپەكلىشىپ چاش چۈشۈش

چاچ چۈشۈشنى داۋالاش پرىنسىپىدا كۆرسىتىلگەن تەدبىرلەردىن باشقا، مىزاجنى ھۆللەشتۈرۈش مەقسىتىدە پىشقان مېۋىلەر بىلەن تائاملارنى ئىستېمال قىلىش بۇيرۇلىدۇ. چاچ چۈشۈشنى توختىتىش ۋە كېپەكلىشىشنى يوقىتىش مەقسىتىدە، ئاق لەيلى ياكى قارا گۈل چىلانغان سۇ ياكى كۈنجۈت يوپۇرمىقى، ئاق لەيلى يوپۇرمىقى، گۈلى سۆسەر گۈلىنىڭ شىرىسى، ئاچچىقتاۋۇزنىڭ قاينىتىلغان سۈيى بىلەن باش يۇيۇپ بېرىلىدۇ. چاچ يۈزى (قايمىقى) ئېلىنمىغان قېتىق ياكى تۇخۇم سېرىقى ياكى بولمىسا بۇغداي كېپىكىنىڭ قاينىتىلغان سۈيى بىلەن تازىلىنىدۇ. سىمابتىن ئۈچ گرام ئېلىپ، ئازراق خېمىر تۇرۇشتا سىمابنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا بادام ياكى شاپتۇل مېغىزى يېغى، سىيادان بىلەن قارا گۈل ۋە زەنجىۋىل (ئاقچاشكا) تالقىنى (ھەربىرىدىن ئالتە گرامدىن ئېلىنىدۇ) بىلەن يىلىك ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان مەلھەمنى باش تېرىسىگە سۈركەپ، قول بارمىقى بىلەن ئىشقىلاپ (ئۇۋۇلاپ) 2-3 كۈندىن كېيىن يۇيۇۋېتىلىدۇ ياكى بولمىسا تۇخۇم يېغى سۈركەلسىمۇ بولىدۇ.

غەيرىي تەبىئىي بەلغەم غالىبلىقىدىن پەيدا بولغان چاچ چۈشۈشنى داۋالاشتا، ئالدى بىلەن بەلغەم خىلتىنىڭ پىشۇرغۇچىسى بىلەن تازىلىغۇچىسىنى ئىشلىتىپ مىجزاچ تۈزىتىلىدۇ، باشقا ياكى چاچ چۈشكەن ئورۇنغا بادام مېغىزىنى ئېزىپ، سۈپۈرگە چىۋىقىنىڭ سىقىلغان سۈيىنى ئارىلاشتۇرۇپ چېپىپ، باش قۇرۇغاندىنك ېيىن زەنجىۋىل، دارچىن، جويۇز ۋە كاۋاۋىچىنلار قاينىتىلغان سۇنى بىر تەرەپتىن باشقا سۈركەپ، بىر تەرەپتىن باشنى ئالىقان بىلەن بېسىپ سۈركەپ بېرىلىدۇ. قىچىنى سوقۇپ ھۆل زەنجىۋىل سۈۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ باشقا چاپسىمۇ ياكى پىيازنى سىقىپ، چىققان سۈيىنى كونا سىركىگە ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ باشقا سۈركەپ، باش تېرىسىنى ئىشقىلاپ بەرسە، چاچنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدۇ. قىچا ئۇرۇقىنى ياكى پەرپىيۇننى ئاقىرقەرھا بىلەن كالىنىڭ يىلىكىگە ئارىلاشتۇرۇپ باشقا چېپىلسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر بۇ دورىلار باشنى جاراھەتلەندۈرسە، توخو يېغغى ياكى گۈل يېغى بىلەن ياسىلىدىغان مەلھەم ياكى بولمىسا موم، شاھبەللۇت سەۋسەنگۈل بەرگىسىنىڭ سۈيىنى تۇخۇم يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ باشقا چېپىلىدۇ. زەخىملىنىش ياخشىلانغاندىن كېيىن يۇقىرىقى دورىلارنى ئىشلىتىش داۋاملاشتۇرۇلىدۇ ياكى كالا ئۆتىگە ياۋا پىياز سۈيى، قىچا، ئاقىرقەرھا، پەرپىيۇن تالقىنى قاتارلىقلارنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ باشا چېپىلىدۇ. سامساقنى سوقۇپ چاپسىمۇ بولىدۇ ياكى سوقۇلغان سامساق خام زەنجىۋىل، قىزىل پىياز، قىچا تالقىنى قاتارلىقلارنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ ئۆتكۈر كونا سىركە ياكى ھاراققا چىلاپ شېشىنىڭ ئېغىزىنى مەھكەم ئېتىپ بىر ھەپتە يازنىڭ ئاپتىپىغا سېلىپ باشقا شۈكەپ بېرىلسىمۇ مەنپەت قىلىدۇ. تامىقىغا زىرە ۋە قارىمۇچ قوشۇپ ئىستىېمال قىلىش بۇيرۇلىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى