ساغلاملىق
چاچنىڭ مايلىشىپ چۈشىشىنىڭ داۋاسى
ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدە چاچنىڭ مايلىشىپ چۈشۈشىگە بېرىلىدىغان دورىلاردىن ئىترىفىل سەغىر ياكى ئىترىفىل كەبىر بېرىلىدۇ. تۈك ( چاچ) تۈشۈكلىرىنى ئىتىپ، چاچنى چىڭىتىش ئۈچۈن جويۇز، قىزىل قارىغاي يوپۇرمىقى ۋە غورىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىلغان سۈيى بىلەن باش يۇيۇلىدۇ ياكى كاۋاۋىچىن، ئامىلە ۋە جويۇزنىڭ قاينىتىلغان سۈيى، لوبىيا (پۇرچاق) ئۇنى، قوغۇن ئۇرۇقى، ئىسبىفۇل ۋە ئاق لەيلى ئۇرۇقىنىڭ شىرىسى ياكى بولمىسا بورەق بىلەن كۆپۈكى دەريا قاينىتىلغان سۇ بىلەن باشنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئامىلە يېغى بىلەن باش مايلىنىدۇ ياكى قىچا، پۇدىنە (پىننە)، سۇزاپ ۋە پىيازلارنى يانجىپ باشقا سۈركىلىدۇ.