ساغلاملىق

چاچ چۈشۈش

چاچ چۈشۈش، چاچ چۈشۈشتىن سىرت ساقال، بۇرۇت، قاش ۋە كىرپىك بىلەن بەدەندىكى باشقا تۈكلەرنىڭ چۈشۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىراق چاچ چۈشۈش نىسبەتەن كۆپرەك. شۇڭا تۆۋەندە چاچ چۈشۈش ئۈستىدە توختىلىمىز:

قىرىق ياشتىن كېيىن چاچ شالاڭلىشىش نورمال ئەھۋال، لېكىن قىرىق ياشتىن ئىلگىرى چاچ شالاڭلاشسا ياكى دائىرىلىك چاچ چۈشسە ۋە قىرىق ياشتىن كېيىن چاچنىڭ شالاڭلىشىشى تېز ۋە كۆپ بولۇش بىلەن بىرگە، دائىرلىك چاچ چۈشسە چاچ چۈشۈش كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا دائىرلىك چاچ چۈشۈش <يىلپىز يالىۋېتىش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

سەۋەبى:

چاچ چۈشۈش- چاچ شالاڭلىشىش ۋە دائىرلىك چاچ چۈشۈش دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. چاچ چۈشۈش مەيلى قايسى خىلدا بولسۇن، كۆيگەن بەلغەم بىلەن سەۋدا ياكى ئۆتكۈر سەپرا بىلەن قويۇق ۋە بۇزۇق قان قاتارلىق غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ قايسىبىرى بولمىسۇن، تېرە ۋە تېرىدىكى چاچ (تۈك) يىلتىزىغا ئورۇنلىشىۋېلىپ، تېرىدىكى تۈك (چاچ) يىلتىزىدىكى ئوزۇقلاندۇرغۇچى قۇۋۋەت (قۇۋۋىتى غازىيە)، ئوزۇقلۇقنى تارتقۇچى كۈچ ( قۇۋۋىتى جازىبە) ۋە تۇتۇپ تۇرغۇچى قۇۋۋەت (قۇۋۋىتى ماسىكە) قاتارلىق كۈچلەرنىڭ خىزمىتى بۇزۇلۇشتىن چاچ چۈشىدۇ. بىراق چاچ چۈشۈش يۇقىرىدىكى سەۋەپلەردىن باشقا يەنە كىشىلەرنىڭ ئوزۇقلىنىشى ياخشى بولماسلىق ياكى ئوزۇقلۇق ماددىلار كىشىلەرنىڭ مىزاجى بىلەن خىل كەلمەسلىك، ھەزىم قىلىشنىڭ بۇزۇلۇشى، روھىي ھالەتنىڭ نورمال بولماسلىقى (مەسىلەن: غەم-قايغۇ، خاپىلىق ۋە روھىي جىددىيلىك قاتارلىق)، ئۇزاق ۋاقىت كېسەل تارتىش ( مەسىلەن: كېزىك كېسىلى، قان ئازلىق، سىل كېسىلى، دىئابېت كېسىلى، ئىچ سۈرۈش ۋە ئۇيقۇسىزلىق، باشنى يۇغان سۇ بىلەن سوپۇننىڭ ساپ بولماسلىقى، جىسمانىي چېنىقىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى ياكى جىسمانىي روھىي جەھەتتىن چارچاش، يالاڭۋاش يۈرۈش ۋە ئۇدۇم (ئېرسىيەت) قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئىچكى ۋە سىرتقى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭلاشقا چاچ چۈشۈش قارىماققا ئاددىي كېسەللىكتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇ (چاچ چۈشۈش) پۈتۈن بەدەننىڭ ساقسىزلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىچكى ۋە ۋسىرتقى ئامىللارنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ مەھسۇلى، دائىرلىك چاچ چۈشۈش (يىلپىز يالىۋېلىش) نىڭ سەۋەبى بولسا، كۆيگەن بەلغەم بىلەن سەۋدا ياكى ئۆتكۈر (زىيادە ئىسسىق) سەپرا بىلەن قويۇق بۇزۇق قاننىڭ باش تېرىسىنىڭ مەلۇم بىر ياكى بىر قانچە ئورۇنلىرىغا ئاساسلىق تەسىر قىلىشى ۋە روھىي ئامىل قاتارلىق ئامىللارنىڭ رول ئوينىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئالامىتى؛

چاچنى تارىغاندا ۋە ياكى يۇغاندا ھەتتا باشنى سىيلىغاندا ياكى تەكى ياستۇقلارغا سۈركىلىشتىمۇ چاچ چۈشىدۇ ياكى تارغاق بىلەن تارىغاندا قولغا ھېچقانداق ئاغرىقسىزلا چاچ يۇلۇنۇپ چىقىدۇ. باش تېرىسى كېپەكلىشىپ، چاچ قۇرغاقلىشىدۇ ياكى بولمىسا باش تېرىسى بىلەن چاچ مايلىشىپ قىچىشىدۇ. بەزىدە باش تېرىسىگە ئۇششاق مۇدۇرلار پەيدا بولىدۇ. چاچنىڭ پارقىراقلىقى تۆۋەنلىشىپ خۇنۇكلىشىدۇ. دائىرلىك چاچ چۈشۈشتە، باشنىڭ بىر ياكى بىر قانچە ئورۇنلىرىدا ھەرخىل چوڭلۇقتىكى دائىرىدە چاچ توساتتىنلا چۈشۈپ كېتىپ، شۇ ئورۇن قىزغۇچ تاقىر تۈسنى ئالىدۇ. چاچ چۈشۈشتە يۇقىرىدىكى ئالامەتلەردىن باشقا، يەنە قايسى غەيرىي تەبىئىي خىلىتقا مەنسۇپ بولسا، شۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىتقا مەنسۇپ پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەتلەر پەيدا بولۇشتىن سىرت، باشتىمۇ شۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارغا خاس يەرلىك ئالامەتلەر بولىدۇ. مەسىلەن: چاچ چۈشۈش غەيرىي تەبىئىي بەلغەمدىن پەيدا بولغان بولسا، ئومۇمىي بەدەندە غەيرىي تەبىئىي بەلغەمگە ئائىت ئالامەتلەردىن سىرت، چاچ چۈشكەن باش تېرىسى خۇددىي شور ئۆرلىگەندەك ئاقۇچ ۋە بوشراق بولىدۇ. ئەگەر غەيرىي تەبىئي سەۋدادىن پەيدا بولغان بولسا، غەيرىي تەبىئىي سەۋداغا ئائىت ئومۇمىي بەدەنلىك ئالامەتلەردىن سىرت، چاچ چۈشكەن باش تېرىسى قارامتۇل تۈسنى ئالىدۇ. چاچ چۈشۈش غەيرىي تەبىئىي سەپراغا ئائىت بولسا، پۈتۈن بەدەندە غەيرىي تەبىئىي سەپراغا خاس ئالامەتلەر بولۇشتىن سىرت، چاچ چۈشكەن ئورۇننىڭ تېرىسى سارغۇچقا مايىلراق بولىدۇ. ئەگەر چاچ چۈشۈش غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، پۈتۈن بەدەندە، غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتىغا ئائىت پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەتلەردىن سىرت، چاچ چۈشكەن باش تېرىسى قىزىل ياكى قىزىلغا مايىل كېلىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى