ساغلاملىق

تېرىمىزگە ماس كېلىدىغان گىرىم بويىمى سېتىۋالايلى

ئادەم بەدىنىنىڭ سىرتىنى بىر قەۋەت تېرە ئوراپ تۇرىدۇ. تېرىنىڭ ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن نۇرغۇن رولى بار، بولۇپمۇ ئادەم بەدىنىنى ئاسراشتىكى رولى ناھايىتى چوڭ. ئاياللار ئۈچۈن تېرە ئەڭ مۇھىم بولۇپ. ساغلام تېرە باشقىلارغا تەبىئىي، چىرايلىق، ياش تەسىر بېرىدۇ. ياش كۆرۈنۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تېرىمىزنى توغرا ئۇسۇلدا ئاسرىشىمىز لازىم. يۈز تېرىمىزنى ئاسراشتا ئالدى بىلەن تېرىمىزنىڭ خۇسۇسۇيىتىنى ۋە ئالاھىدىلېكىنى ياخشى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك. ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرىدا كەسپىي ھۆسىن تۈزەش خادىملىرى بۇنى سىزگە مەخسۇس ئەسۋابلار ئارقىلىق ناھايىتى ئاسان پەرقلەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىراق ئائىلىلەردە بەزىدە ئۆزىمىزگە توغرا دىئاگنوز قويالمىغانلىقتىن تېرىمىزگە نىمىنىڭ پايدىلىق، نىمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيمىز. تېرىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، ئۇچرىغانلا گىرىم بۇيۇملىرىنى ئەرزان دەپ قالايمىقان ئىشلەتسەك تېرىمىزگە پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۈنۈم بىرىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا بىز ھەر قانچە بەدەل تۆلىسەكمۇ تېرىمىزنى بۇرۇنقىدەك ئەسلىگە كەلتۈرەلىشىمىز ناتايىن.

* تېرىنىڭ نەپەسلىنىشىگىمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك. ئادەم ئوخلىغان ۋاقىتتا تېرە ئەڭ ياخشى بولغان نەپەسلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك ئۇيقۇ تېرىنى نەپەسلەندۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم. تېرىنى تېخىمۇ كۆپ نەپەسلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈزىمىزنى پاكىز يۇيۇپ، كۆز ئەتراپىمىزغا كۆز ئەتراپىنى ئاسراش مېيى سۈركەپ ياتساق بىرقەدەر مۇۋاپىق ۋە ئىلمى بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا تېرە تولۇق نەپەسلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، كۆز ئەتراپىغا قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يۈزگە سۈرتۈلگەن گىرىم بۇيۇملىرى بەك كۆپ ياكى ئۇنىڭ يۈزدە تۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم. ئۇنداق بولغاندا تېرە نەپەسلىنالمەي تېرىنىڭ تەر تۆشۈكچىلىرى توسۇلۇپ قالغانلىقتىن ماددا ئالمىشالماي دانىخورەك، داغ، سەپكۈن پەيدا بولۇپ قالىدۇ.

* ھەر قانداق ئايال ئازدۇر – كۆپتۇر گىرىم بۇيۇملىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. ھازىر بازارلاردا سېتىلىۋاتقان گىرىم بۇيۇملىرى دۇكانلىرىغا كىرگەن چاغلىرىمىزدا ئۆزىمىزنى خۇددى رەڭگارەڭ گۈللۈك باغقا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىمىز. بۇچاغدا بىز قايسىسىنى سېتىۋېلىشنى بىلەلمەي قالىمىز، ھەتتا بەزىدە تېرىمىزگە ماس كەلمەيدىغان گىرىم بۇيۇملىرىنىمۇ سېتىۋالىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ قالىدۇ. مۇشۇنداق چاغلاردا ئۆزىمىزنىڭ گىرىم بۇيۇملىرىغا ئائىت بىلىملىرىمىزنىڭ تولىمۇ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا تېرىمىزگە ماس كېلىدىغان گىرىم بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋالالايمىز؟

* گىرىم بۇيۇملىرى تاللىغاندا ئالدى بىلەن تېرىمىزنىڭ قايسى تىپتىكى تېرە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىمىز، ئاندىن تېرىمىزنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرسىگە ئاساسەن تاللاپ سېتىۋېلىشىمىز لازىم. يۈز بىز ئۈچۈن ئەڭ ئەتىۋارلىق جاي. ئۇنىڭغا ئەرزان دەپ كەلسە – كەلمەس مايلارنى ئىشلەتمەستىن، شارائىتىمىز يار بەرسە تەبىئىي نەرسىلەردىن ياسالغان، سۈپىتى ياخشى داڭلىق گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتى ئىشلەپ چىقارغان مايلارنى، مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدىن سېتىۋېلىشىمىز لازىم.

* يۈزدىكى قورۇقلار، داغلار ۋە يېرىلىپ كەتكەن قىلدام تومۇرلار تەبىئىي ھالدا گۈزەللىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يۈزدە ئەنە شۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ھامان چوقۇم ۋاقتىدا كەسپى ھۆسىن تۈزەش ئۇستىلىرىنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ ۋە داۋالىتىپ، گۈزەللىكنى ساقلاپ قېلىشىمىز لازىم. بولمىسا كېيىنكى پۇشايمان بىزگە پەقەت ھەسرەتلا ئېلىپ كېلىدۇ، خالاس.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى