ساغلاملىق

يۈز تېرىڭىزنى ئاسىراشنى ئۆگۈنىۋېلىڭ

خانىم–قىزلار يۈز تېرىسىنىڭ ئاق ھەم سۈزۈك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ . شۇڭا نۇرغۇنلىغان خانىم –قىزلار تۈرلۈك تۈرلۈك پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ ، يۈز تېرىسىنى ئاقارتىشقا ئۇرۇنىدۇ . ھەر خىل تېرە ئاقارتىش مايلىرىنى ئىشلەتكەندە ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تېرە زىيانغا ئۇچراپ ، تېرە كېسەللېكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئەكىسچە ئۈنۈم بېرىدۇ . ئۇنداقتا پەرداز بۇيۇمى ئىشلەتمەيمۇ تېرىنى ئاق ، سۈزۈك قىلغىلى بولامدۇ ؟

تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئاددىي ئۇسۇلنى قوللىنىپ كۆرۈڭ :

* ھەر كۈنى ئەتىگەندە يۈزگە چىش پاسىتسى سۈرتۈپ بىر ئازدىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ، بۇنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ، يۈزدىكى داغ ، كىرلارنى چىقىرىپ ، تېرىنى ئاقارتىدۇ ؛ 

* ھەر كۈنى ئەتىگەن ئورۇندىن تۇرۇپلا بىر ئىستاكان لىمون سۈيى ئىچىۋەتسە ، لىموننىڭ تەبئىي ئاقارتىش رولى بولغاچقا ، تېرىنى ئاقارتىپ ، يۈزدىكى داغ ، سەپكۈنلەرنى سۇسلاشتۇرىدۇ . لىمون سۈيىدە يۈز يۇيۇپ بەرسىمۇ ئوخشاش ئۈنۈم بېرىدۇ . 

* ئالما ، تەرخەمەك شۆپەكلىرى ياكى تاۋۇز شاپىقىنى يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە ، تېرىنى نەملەشتۈرۈپ ، تېرىنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش رولىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ . 

* مەرۋايىت پاراشوكىدىن ھەر كۈنى 2–3 گىرام ئىچىپ بەرسە ياكى مەرۋايىت پاراشوكىنى گىلىتسېرىن (گەنيۇ) بىلەن نەمدەپ يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يۈز تېرىسى ئىنتايىن سىلىق ، ئاق ، سۈزۈك بولىدۇ .

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى