ساغلاملىق

ھەرخىل گىرىم بويۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تېرە ياللۇغى

كىشىلەرنىڭ گىرىم بويۇملىرىغا بولغان چۈشەنچىسى ئوخشاش بولمايدۇ. گىرىم بويۇملىرىنىڭ يالغۇز پەرداز قىلىش رولى بولۇپلا قالماي، يەنە تېرىنى قوغداپ پارقىرىتىش، تېرىنى ئاپتاپ تېگىشتىن قوغداش، بەدەندىكى سېسىق پۇراقنى يوقىتىش رولىمۇ بار. 

گىرىم بويۇملىرى گىمىيىلىك دورىلاردىن تەركىب تاپقاچقا، ساقلانغىلى بولمايدىغان بەزى ناچار رېئاكسىيىلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، چاچ بوياش مېيىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن بەزىلەرنىڭ يۈز-كۆزلىرى قىزىرىپ، ئىششىپ، بېشى يوغىناپ كەتكەندەك بولۇپ كېتىدۇ. گىرىم بويۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ناچار رېئاكسىيىلەر ئىچىدە تېرە ياللۇغى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇڭا، ئۇ ئادەتتە گىرىم بويۇملىرى مەنبەلىك تېرە ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ. 

1. ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى. بۇ خىل تېرە ياللۇغى چەكلىك دائىرە ئىچىدىلا بولۇپ، پەقەت گىرىم بويۇملىرى سۈركەلگەن ئورۇندىلا پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئېغىر-يېنىكلىك دەرىجىسى ئادەمگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. تېرە چېگرىسى ئېنىق بولغان قىزىل داغ پەيدا بولغاندىن سىرت، ئىششىش، قىچىشىش، قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ ئالامەتلەر كېچىككەن ھالەت ئۆزگىرىش رېئاكسىيىسىنىڭ ئىنكاسىدۇر. شۇڭلاشقا، كۆپىنچە گىشىلەردە گىرىم بويۇملىرى ئىشلىتىلىپ بولۇپ، بەلگىلىك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە ۋاقتىدا داۋالانسا، بۇ خىل ئالامەتلەر ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. ئايرىم كىشىلەردە بەزىدە پىگمېنت ئولتۇرۇشۇپ قېلىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. ناۋادا يۇقىرىقىدەك كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولسا، بۇ گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ رېئاكسىيە بەرگەنلېكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل گىرىم بويۇملىرىنى قايتا ئىشلەتكەن ھامان كېسەللىكمۇ قايتا قوزغىلىدۇ. 

2. نۇرغا زىيادە سېزىمچان تېرە ياللۇغى. بۇ خىل تېرە ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلىتىپ بولۇپ تالاغا چىقسا، كۈن نۇرى چۈشكەن ھامان كېسەللىك قوزغىلىدۇ. 

3. ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك كالپۇك ياللۇغى بىلەن نۇرغا زىيادە سېزىمچان كالپۇك ياللۇغى. بۇ خىل كېسەللىكنى كۆپىنچە لەۋ سۇرۇخ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش ئالامەتلىرى ئادەتتە ئالدىنقى ئىككى خىل تېرە ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، كېسەللىك ئالامەتلىرى پەقەت ئېغىز بىلەن كالپۇكتا كۆرۈلىدۇ. ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئېغىز بىلەن كالپۇك كۆرۈنەرلىك ھالدا ئىششىپ قىزىرىدۇ. تۆۋەنكى كالپۇكنىڭ نۇر بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى كۆپرەك بولغاچقا، نۇرغا زىيادە سېزىمچان خاراكتېرلىك كالپۇك ياللۇغى تۆۋەنكى كالپۇكتا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. 

4. پىگمېنت ئولتۇرۇشۇش. گىرىم بويۇملىرى ئىشلىتىلگەن ئورۇندا چېگرىسى ئېنىق بولمىغان سېرىق، قوڭۇر داغ پەيدا بولىدۇ. سۇس كۈل رەڭ پىگمېنت تېخىمۇ قېنىق بولىدۇ. بەزىدە بۇنىڭغا يېنىك دەرىجىدە قىچىشىش قوشۇلىدۇ. ئەمما، ئادەمنى بەك بىئارام قىلمايدۇ. پەقەت مىكروسكوپ بىلەن كۆزەتكەندە ئاندىن پىگمېنتلار بايقىلىدۇ. ئادەتتە گىرىم بويۇملىرى ئىشلىتىلىپ بولغاندىن كېيىن تەدرىجىي ئولتۇرۇشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك تېرە ياللۇغى داۋاملىق قوزغىلىشى مۇمكىن. 

5. دانىخورەك. گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىسا، يۈزگە دانىخورەك، دۆڭچە ئەسۋە، يىرىڭلىق چاقا قاتارلىق جاراھەتلەر چىقىدۇ ياكى ئەسلىدىكى دانىخورەك تېخىمۇ يامانلىشىدۇ. 

6. ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك يەلتاشما. بۇ خىل تېرە كېسىلى ئادەتتە ئاز ئۇچرايدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ زىيىنى چوڭ بولىدۇ. گىرىم بويۇملىرى بىلەن ئۇچراشقان تېرىنىڭ ئۈستىدە قىزىل داغ، سوغان ئەسۋىسى پەيدا بولۇپ، بىردەم يوقىلىپ، بىردەم پەيدا بولىدۇ. قاتتىق قىچىشىدۇ. دېمەك، گىرىم بويۇملىرى تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئادەمگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكلەرنى تۇغدۇرىدۇ. شۇڭا، گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلەتكەندە ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىش لازىم. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى