ساغلاملىق

يۈز تېرىسىنى ئاسىراشتىكى ياخشى ئادەتلەر

ئەڭ ياخشىسى يۈز يۇيغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 38-40 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولسا ئەڭ ياخشى. ھەممەيلەن سوغۇق سۇدا يۈز يۇيسا ياخشى دەپ قارايدۇ بىراق تېرە تۇيۇقسىز سوغۇق سۇغا يولۇقسا غىدىقلىنىدۇ، يۈز تېرىسى قىزىرىپ كېتىدۇ، ئۇزاق مۇددەت شۇنداق بولىۋەرسە ئىنچىكە قىل-قان تومۇرلار كېڭىيىپ توملىشىپ كېتىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، 38-40 گىرادۇس ئەتراپىدىكى ئىلمان سۇدا يۈز يۇيۇش ياخشى.

يۈزىڭىزگە داغ سەپكۈن چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.

مەيلى تېرىڭىز ياخشى يامان بولسۇن، داغ چۈشىدىغان بۇ ئىشتىن ئادەم قېچىپمۇ قۇتۇلالمايدۇ، ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىر ھەركۈنى تېرىمىزنىڭ ئاق گۈزەل بۇلىشى ئۈچۈن بىر ئىش قىلىپ، يۈزىمىزگە داغ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. ھەرقانداق گىرىم بۇيۇملىرى ۋە يۈز ئاسراش بۇيۇملىرى ئىشلەتكەندە، ئۆزىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى بۇيىچە، چۈشەندۈرۈشىنى ئوقۇپ، مۇلازىمەتچىلەردىن سوراپ ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىشىڭىز كېرەك.

گىرىم بۇيۇملىرىنى يۈزىڭىزگە بەك ئۇزۇن سۈرتۈپ كەتمەڭ. 40 سېكۈنت بولسا ئەڭ مۇۋاپىق.

مەيلى قايسى خىلدىكى گىرىم بۇيۇملىرى بولسۇن، ئېمۇلسىيەلىشىش ئۈچۈن، گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان ئاكتىپلاشتۇرۇلغان ماددا بار، تېرىنىڭ نەملېكىنى ساقلاشنىڭ ئاچقۇچى بولسا ھۈجەيرىلەر ئارىسىدىكى ماي مىقدارىنى ئېرىتىش، گىرىم قىلغاندا 40 سېكۈنت سۈرۈتسەكلا بولىدۇ، بەك ئۇزاق بولۇپ كەتسە تېرە قۇرغاقلىشىدۇ.

ھەر كۈنى تۇلۇق ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش.

بىر ۋاق تاماقنى يېمىسەك ھېچقىسى يوق، يەنىلا بەدەندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ساقلىنىپ تۇرۇۋېرىدۇ، بىراق بىر ئاخشام ياخشى ئۇخلىمىغاندا، ئەتىلا چوقۇم چىرايىڭىزغا چىقىدۇ، چۈنكى ئۇيقۇنى ساقلاپ قويغىلى بولمايدۇ، ئۇيقۇنى تولۇقلاش ئەمەلىيەتتە ئورنىغا كەلمەيدىغان بىر ئىش. بىر ئۇخلاپ 3 سائەتتىن كېيىن بەدەن ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر كۈنلۈك بەدەن ۋە تېرە مۇسكۇل قايتا شەكىللىنىدۇ، تەخمىنەن 6 سائەت ئەتراپىدا. تەكلىپ 10:30 دا چوقۇم كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلاپ بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش،

بىر ھەپتىدە ئاز دېگەندىمۇ ئىككى قېتىم ھەرىكەت قىلىش.

نورمال خىزمەتتە ئەلۋەتتە بەك چارچاپ كېتىدۇ، شۇڭا دەم ئېلىش كۈنى بولسا ئۇخلاپ ھۇرۇنلۇق بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئويلايمىز، ئەگەر مۇشۇنداق قىلىۋەرسەك، مۇسكۇللار ئاغرىش، كىچىك پۇتلار ئىششىپ قېلىش، ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، ھەرىكەت بولسا قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ، يەنە كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ، ئەڭ ئاددىي ھەرىكەت بولسا يول مېڭىش، ھەربىر ھەرىكەت ۋاقتى 30 مىنۇت ئەتراپىدا. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى