ساغلاملىق

بەھەق

تونۇش: كۆپ ئۇچرايدىغان, بەدەن تېرىسىنىڭ كۆپ تەرلەيدىغان ئورۇنلىرىدا پەيدا بولىدىغان , تېرىلەر شورلىشىپ قىچىشىدىغان سۇزۇلما خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكىدىن ئىبارەت بولۇپ ئۇيغۇر تېبابىتىدە بەھەق ياكى گۈللۈك تەمرەتكە دېيىلىدۇ. بەھەق كېسەللىكى يەرلىك ئورۇن تېرىسىنىڭ سۇس, ئاقۇش, قىزغۇچ, قوڭۇر رەڭگە كىرىپ قالىدۇ .

كېسەللىك سەۋەبلىرى:

 1. خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى, ئاساسلىقى بەدەندىكى غەيرى تەبىئىي بەلغەم ۋە سەۋدانىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. 

2. ئۇزۇن مۇددەت ئىسسىق مۇھىتتا تۇرۇپ قېلىش.

3. كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قاتتىق تەرلەشلەر.

4. تازىلىق ئادىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە كىيىم-كېچەكلەرنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى .

5. قۇۋۋەتلەرنىڭ ئاجىزلىشىشى ياكى كۆپىيىپ كېتىشى سەۋەبلىك بەھەق كېلىپ چىقىشى مۇمكىن .

كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش ئالاھىدىلىكى: بۇ كېسەل كۆپىنچە ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ .

پەيدا بولۇش ئورنى: كۆكرەك قىسمى, تاغاق, يوقۇرقى بىلەك , تۆۋەنكى قۇرساق قىسمى, ئەۋرەت ساھەسى قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ. ياز پەسلىدە ۋە كۆپ تەرلىگەندە كېڭىيىدۇ. بەزىدە تېرە يۈزىدىكى يات ماددىلار بەزى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ياشىشىغا شارائىت ھازىرلاپ يۇقۇملىنىش يۈز بىلىشمۇ مۇمكىن. قىش ۋە كۈز پەسىللىرىدە بىر ئاز ياخشىلىنىپ قالىدۇ. بىر ئورۇن ساقىيىپ يەنە بىر ئورۇنغا يۆتكىلىدۇ. ئاسانلا قوزغىلىشچانلىققا ئىگە. (بەلغىمى شور-ئاقۇش, سەۋدا خىلىتى قارامتۇل)

كىلىنىكىلىق ئىپادىسى: بەھەق-ئاق بەھەق ۋە قارا بەھەق دەپ 2 خىل بولىدۇ.

 1. ئاق بەھەق: ئاساسلىق بەلغىمى شورنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. دەسلەپتە يەككە ۋە چاچما ھالدا سۇس ئاقۇش, تېرە زەخمىسى پەيدا بولىدۇ. كېيىن تەدرىجىي يوغىناپ ئۆز-ئارا تۇتىشىپ كېڭىيىدۇ. تەمرەتكە يۈزى ئاقۇش شورشاڭغۇ تۈسىنى ئالىدۇ. ساق تېرە بىلەن بولغان چىگىرىسى ئېنىق بولۇپ تەمرەتكە يۈزى كىپەكلىشىپ تورىدۇ. بەدەن تەرلىگەندە قىچىشىدۇ. يەرلىك ئورۇننى لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ يۇغاندا ياكى بارماق بىلەن بېسىپ ئۇۋلىغاندا تەمرەتكۈ بار ئۇرۇننىڭ تېرىسى قىزىلغا مايىل تۈسنى ئېلىپ قىچىشىش يۇقىلىدۇ. بىراق بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يەنە قايتىلايدۇ. ئىسسىق مۇھىتتا ياكى تەرلىگەندە قىچىشىش كۈچىيىدۇ .

2. قارا بەھەق: سەۋدا ماددىسىنىڭ ئارتىپ كېتىشى نەتىجىسىدە كۆپرەك كۆرىلىدۇ. تېرە رەڭگىدە سۇس قوڭۇر رەڭدە ياكى سۇس قارامتۇل رەڭ ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. يەرلىك ئورۇن تېرىسى قىچىشىش, تېرىدىكى داغلار چاچما , ئۇششاق ھالەتتە تارقىلىدۇ. تېرە قىچىشىدۇ. تېرە كېپەكلىشىپ تورىدۇ. قول بىلەن تۇتقاندا يىرىك بىلىنىدۇ. تېرىدىن سەل كۆتىرلىپ چىقىدۇ .

دىياگنوز:

1. سەۋەبىگە ئاساسەن دىياگنوز قويۇلىدۇ.

2. پەيدا بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن دىياگنوز قويۇلىدۇ.

3. يەرلىك ئورۇندىكى تىپىك كىلىنىكىلىق ئىپادىلىرىگە ئاساسەن دىياگنوز قويۇلىدۇ .

4. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىياگنوز قويۇلىدۇ .

سېلىشتۇرما دىياگنوزى: بەرەستىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك. بەرەس بەھەقنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرىمىز .

داۋالاش: كېسەللىك سەۋەبىنى يوقىتىشنى ئاساس قىلىش كېرەك. ئەگەر خىلىت ئۆزگەرتىشى كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل خىلىتنىڭ ماس بولغان مۇنزىچ-مۇسھىلىنى بېرىپ مىزاج تەڭشىلىدۇ .

ئەگەر كېسەللىك سەۋەبىدىن تەرلەش ئارقىلىق كېلىپ چىققان بولسا ئالدى بىلەن شۇ خىل كېسەللىكنى يوقىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەڭ مۇھىمى تەر توختىتىش چارىسىنى قىلىش لازىم. تەر توختىتىش ئۈچۈن ھەبىبى شىپا , شەربىتى خەشخاش بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىتترفىل كەبىر , مائۇ ئۇسۇل سادرە , مائۇ ئۇسۇل مۇرەككەپ قاتارلىق دورىلار تاللاپ بېرىلىدۇ. شۇنداقلا ئاق كېسەلگە ئىشلەتكەن دورىلارنى بىمارنىڭ ئومۇمىي بەدەن ئەھۋالى , مىزاج , كېسەللىك ماددىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇۋاپىق تاللاپ بېرىلسە بولىدۇ .

سىرتىدىن دورا ئىشلىتىپ داۋالاشتا : ئالدى بىلەن يەرلىك ئورۇننى ئىلمان سۇ بىلەن سوپۇنلاپ پاكىزە يۇيۇپ بولۇپ ئاندىن تۆۋەندىكى دورىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ .

1. بۆرە سويمىسى پوستىنى يۇمشاق ئېزىپ سىركىگە ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورنىغا كۈندە 2 ياكى 3 ۋاخ سۈرۈلىدۇ .

2. ئاقىر قەرھا , بۆرە سويمىسى يىلتىزى , شەترەنجى ھىندى يىلتىزى 5 گىرامدىن يۇمشاق سوقۇپ ئاچچىق سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە 1-2 قېتىم سۈرۈلىدۇ. ياكى يۇقىرىقىلارنى يۇمشاق سوقۇپ 2-3ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ 6g-4×2×1 يېيىشكە بېرىلىدۇ.

3. زەمچىنى كۆيدۈرۈپ كۈشتە قىلىپ يۇمشاق سوقۇپ تاش ئۇپا، كاۋاش, تاش چىچىگى تەڭ مىقداردا يۇمشاق سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا سۈرىمىز .

4-قەلەمپۇر , جۇۋىنا , كۆلسۇرۇخ , زەمچە , ئاقىرقەرھا , سوم ياكى دورىلىق ۋازلىن مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا سۈرۈلىدۇ.

5. خاس ئاچچىقسۇنى سۈرتۈپ بەرسە پايدىلىق. يۇقىرىقىلار ئاق بەھەقنى داۋالاشتا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ .

قارا بەھەقنى داۋالاشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلار .

1. 2-5 % لىك زەمچە ئېرىتمىسى تەييارلاپ سۈرتۈپ بەرسە بولىدۇ .

2. كۈندۇش 5گىرام گوڭگۇرت 5 گىرام , بىستى پايەنج 5 گىرام , قۇستى تەلغ 5 گىرام , زەرنەخ 5گىرام , زاغۇن 5گىرام , خەربەق 5گىرام , سىركە 500 مىللىي دورىلارنى سىركىدە ئېرىتىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ .

يۇقىرىقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە يەنە مۇۋاپىق ئاپتاپقا قاقلاش ,بولۇپمۇ ئاق بەھەقنى قاقلاش ۋە ئىچىدىن مۇۋاپىق دورىلارنى تاللاپ بېرىش كېرەك. شۇنداقلا بىمارغا شەخسى تازىلىقنى ياخشى ئىشلەش , پات-پات يۇيۇنۇپ تۇرۇش , ئىچ كىيىملەرنى ئازادە , پاختا كىيىملەرنى كىيىش كېرەك. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى