ساغلاملىق

قىچىشقاق

كېسەل پەيدا بولۇش سەۋەبى:

1. غەيرى تەبىئىي سەۋدا ياكى كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ قانغا ئارىلىشىپ قاننى ئوپولەتلەندۈرىشى ياكى بەلغىمى شورنىڭ قانغا زىيادە ئارىلىشىپ بوزۇلۇش سەۋەب بولىدۇ

2. يېمەك-ئىچمەكلەردىن :تۇزلانغان بېلىق, تۇزلانغان گۆش, قان كۆپەيتىدىغان قۇۋۋەتلىك دورىلارنى ئۇزۇن مەددەت كۆپ ئىستېمال قىلىش, ۋاقتى قەرەلدە يۇيۇنماسلىق ياشانغانلاردا تەبىئىي ھارارەتنىڭ تۆۋەنلىشى جىگەر خىزمىتىنىڭ بۇزۇلۇشى قاتارلىقلار سەۋەب بولىدۇ.

3. بۇ كېسەللىكنى قوتۇر سالىم باكتېرىيەسى پەيدا قىلىدۇ. يەنى قىچىشقاق سالمە قۇرتلىرى بىلەن يۇقۇملانغان, مۈشۈك, ئىت, توشقان, كالا, ئات, تۆگە قاتارلىق ھايۋانلار بىلەن ئادەملەر بىۋاسىتە ئۇچرىشىش بىلەن ئادەمگە يۇقىدۇ.

4. قىچىشقان كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەردىن ساق كىشىلەرگە يۇقىدۇ. يەنى بىرگە يېتىش, تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى بىرگە ئىشلىتىش, ئىچ كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇپ كىيىش, كېسەل كىشىلەر بىلەن قول ئېلىپ كۆرۈشۈش قاتارلىقلار يۇقۇش يولى بولىدۇ.

كېسىللىك ئىپادىلىرى:

بۇ كېسەللىك تېرە بىر قەدەر نېپىز بولغان قول بارماق ئارىلىقى, بىلەك, جەينەك ئالدى, قولتۇق, كىندىك ئەتراپى, بەل تۆۋەنكى قۇرساق ساھەسى, ئىككى چات ئارىلىقى, سىرتقى ئۇرۇقدان خالتىسى, ئاياللارنىڭ كۆكرىكى قاتارلىق ئورۇنلاردا چاقما ھالەتتە كۆپرەك پەيدا بولىدۇ. تېرە يۈزىدە پەيدا بولغان چاقما ھالدىكى قاپارتمىلىق زەخمىلەر قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېچىسى بەكرەك قىچىشىدۇ. قاتتىق تاتىلاش سەۋەبىدىن ئىككىنچى يۇقۇملىنىش پەيدا بولۇپ, شاپاق يارىسى, چىيقان, لىمفا تەگچىلىرى ياللۇغى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.

پەرقلەندۈرۈشتە: قىش پەسلىدىكى قىچىشقاق كېسەللىكى, ھۆل تەمرەتكە, شاپاق يارىسى, يەل تاشما, قىچىشقاق ئەسۋىسى قاتارلىقلاردىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

دىياگنوز ۋە سېلىشتۇرما دىياگنوز

كېچىسى قىچىشىشنىڭ ئېغىر بولۇشى, كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش, يۇقۇش يوللىرىدىكى سەۋەبلەرگە ئاساسەن دىياگنوز قۇيىلىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش داۋالاش.

1. قاننى بۇزغۇچى (قاننىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتكۈچى) غەيرى تەبىئىي خىلىت پەيدا قىلغۇچى يېمەكلىكلەردىن لازا, ئاچچىقسۇ, چىلانما سەي, تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش چەكلىنىدۇ.

2. قىچىشقان كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ئۆي قۇشى, ھايۋانلاردىن يىراق تۇرۇش, ئۇچراشماسلىق.

3. قىچىشقاق كېسىلى بىلەن ئاغرىغان كىشىلەر بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشماسلىق, تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئايرىپ ئىشلىتىش, كېسەلنىڭ ئىچ كىيىمىنى كۈندە بىر قېتىم قايناقسۇغا بېسىپ مىكروبسىزلاندۇرۇش, يوتقان-كۆرپىلىرىنى ئاپتاپقا سېلىش ئارقىلىق باشقىلارغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

4. كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان كىشى كۈندە بىر قېتىم پارلىق مۇنچا ياكى ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش.

داۋالاش

1. قان خىلىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدىن پەيدا بولغان بولسا مىجەزنى تەڭشەش ئۈچۈن مائىل جىن شەربىتى بېرىلىدۇ.

2. سەپرا خىلىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدىن بولغان بولسا مۇسھىل ئۈچۈن مەتبۇخى ھېلىلە, مەتبۇخى شاھتەررە, مەتبۇخى خىيارى شەنبەرنىڭ بىرى تاللاپ بېرىلىدۇ.

3. بەلغەم خىلىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدىن پەيدا بولغان بولسا بەلغەمنىڭ مۇنزىچ, مۇسھىللرى بېرىلىدۇ.

4. قۇرسى شاھتەررىدىن ئەتىگەن كەچلىك تاماقتىن كېيىن 7 دانىدىن, قۇرسى كىبرىتتىن ئەتىگەن كەچلىك تاماقتىن كېيىن 5 دانىدىن, ھەبىبە سەبرەدىن چۈشتە 1 قېتىم 5 دانىدىن كېسەل ئەھۋالىغا قاراپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

5. ئەرقى شاھتەررە, ئەرقى چۆبىچىن قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى كۈندە ئەتىگەن كەچ ئىككى ۋاخ تاماقتىن كېيىن 100 گىرامدىن 150 گىرامچىغە ئىستېمال قىلىدۇ.

6. بەدەن سىرتىدىن گۈڭگۈرت مەلھىمى, سىماب مەلھىمى قاتارلىق مەلھەملەر سۈرتىلىدۇ.

7. بەدەن سىرتىدىن قىچىشىشتىن پەسەيتىپ يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلىغۇچى, قىچىشقاق سالجىسىنى ئۆلتۈرگۈچى يۇيۇنۇش دورىلىرى ۋە ياغلانما دورىلار ئىشلىتىلىپ داۋالىنىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى