ساغلاملىق

كالتە يوپكا كىيىش تېرە ياللۇغىنى شەكىللەندۈرىدۇ

كۆپىنچە قىزلار ئىسسىق كۈنلەردە كالتە ھەم نېپىز كىيىملەرنى كىيىشنى ياقتۇرىدۇ، ئەمما كالتە يوپكا كىيىپ ئاپتوبۇسقا چىققاندا، كۆرۈنۈپ قالغان يوتا ھەم پاقالچاقلار تازىلىقى ياخشى بولمىغان مۇھىتتا ئاسانلا تېرە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. ياز تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدىغان پەسىل بولغاچقا، باكتېرىيە يۇقتۇرۇۋېلىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ.

36 گىرادۇستىن ئىسسىق كىلىماتتا ئاپتوموبىل كوزۇپى، ئاممىۋىي سورۇنلاردىكى ئورۇندۇقلاردا باكتېرىيەلەر كۆپ بولىدۇ، ئاپتوبۇسقا ھەرخىل كىشىلەر چىقىدىغان بولغاچقا، قىسمەن كىشىلەرنىڭ تېرە ياللۇغى كېسەللىك باكتېرىيەسى ئورۇندۇقلاردا قېپقالىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا تېرە ياللۇغى باكتېرىيەسى بەدەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن بەش مىنۇتقىچە ياشىيالايدۇ ھەم يۇقۇش ئىقتىدارىنى يوقاتمايدۇ. كالتە كېيىنگەنلەر ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرماقچى بولغاندا، بىرسى قوپۇپ كەتكەندە دەرھال ئولتۇرماسلىقى، ياخشىسى ھۆل قەغەز بىلەن سۈرتىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئولتۇرۇشى كېرەك. كاماندىروپكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چوقۇم شەخسىي تازىلىقىنى پۇختا قىلىشى، بولسا مۇنچىغا چۈشۈشى، كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيۇشى كېرەك، شۇندىلا سىرتتىن يۇقتۇرۇپ كەلگەن باكتېرىيەلەرنى تەلتۆكۈس يوقاتقىلى بولىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى