ساغلاملىق
دانخورەكنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاشنى بىلەمسىز؟
* تەسۋى قوناقتىن 50 گىرام ئېلىپ، قوناقنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ، شېكەر سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ھەر كۈنى مۇشۇ ئۇسۇلدا بىر قېتىمدىن ئۇدا بىر ئاي ئىستېمال قىلىنىدۇ.
* ئاپېلسىن ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقانلاپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىلمان قايناق سۇ بىلەن تەڭشەپ ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۈز تېرىسىگە سۈرۈپ، ئەتىگىنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىلىدۇ.
* كۈندە كەچتە ئىلمان سۇ بىلەن يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن لۆڭگىنى قايناق سۇغا چىلاپ بوش سىقىۋېتىپ، يۈزگە تەكشى تەگكۈزۈپ 13 مىنۇت ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىش لازىم. بۇ خىل ئۇسۇل تېرە تۆشۈكچىلىرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.