ساغلاملىق

كۆز ئەتراپىنى ئاپتاپتىن ساقلاش بۇيۇمىنى تاللاشتا…

سۈپىتىگە قاراڭ. كۆز ئەتراپىنى ئاپتاپتىن ساقلاش بۇيۇمى بەك قۇرغاق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. چۈنكى كۆز ئەتراپىدىكى تېرە ئەسلىدىنلا قۇرغاق بولغاچقا، ئۇنىڭغا قۇرغاق گىرىم بۇيۇمى ئىشلەتسە، قورۇقلار تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈنۈپ قالىدۇ.

ئاپتاپتىن ساقلاش كۆرسەتكۈچىگە قاراڭ. كۆز ئەتراپىغا ئىشلىتىدىغان ماينىڭ ئاپتاپتىن ساقلاش كۆرسەتكۈچى يۈز تېرىسىگە ئىشلىتىدىغان گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن ئوخشاش بولسا بولىدۇ، ياز پەسىلدە ئاپتاپتىن ساقلاش كۆرسەتكۈچى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 20 دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. 

تەركىبىگە قاراڭ. ئۇنىڭ فىزىكىلىق تەركىبىگىلا قارىماي، تېرە ئاسراش ئىقتىدارىغىمۇ قاراش كېرەك. تەركىبىدە ۋىتامىن C قاتارلىق ئېلېمېنتلار بار مەھسۇلاتنى تاللىسىڭىز، ئاپتاپتىن ساقلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى