ساغلاملىق

بۇرۇن قاناش

بۇرۇن قاناش كۆپىنچە ئۇشتۇمتۇت قانىغانلىقىغا قارىتىلغان بولۇپ، بەزىلىرى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ تەكرار داۋاملىشىدۇ. 

سەۋەبى: 

1. ئۆتكۈر قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر، مەسىلەن: قارا كېزىك، سەرسام (مېڭە پەردە ياللۇغى)، زاتىررىيە، قىزىل، بوغما، ئېغىر زۇكام قاتارلىق كېسەللەرنىڭ بۆھران (ئاخىرقى باسقۇچ) كۈنلىرىدە تەبىئەت (بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى) كۈچلۈك كېلىپ كېسەلنى يەڭگەنلىكتىن بۇرۇن قانايدۇ. ئىسسىق (ئاپتاپ) ئۆتۈشتىنمۇ بۇرۇن قاناش كېلىپ چىقىدۇ. 

2. ئومۇمىي بەدەندە ئىچكى-تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن سەپرا ماددىسى غالىب كېلىپ قاننى سۇيۇلدۇرۇپ، بۇرۇن ئىچىدىكى ئۇششاق قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن بۇرۇن قانايدۇ. 

3. مېڭىنىڭ تېگىدىكى قان تومۇرلار چىڭقىلىپ يېرىلىش، ئۈزۈلۈشتىن بۇرۇن قانايدۇ. 

بۇنىڭدىن باشقا بەزى كىشىلەردە بۇرۇنغا بىر نەرسە تېگىش، يېقىلىش تۈپەيلىدىن بۇرۇننىڭ ئىچىدىكى تومۇرلار زەخىملىنىپ بۇرۇن قانايدۇ. 

زەھەرلىك يىلانلار چاققاندىمۇ قان سۇيۇلۇپ بۇرۇن قاناش كېلىپ چىقىدۇ. 

جىگەر قاتارلىق قان ھاسىل قىلغۇچى ئەزالارنىڭ خىزمىتى ناچارلاشقاندا، بۆرەك كېسەللىكلىرىدە، قان تومۇرلىرىنىڭ خىزمىتى ناچار كىشىلەر يۈگۈرگەندە ۋە سەكرىگەندىمۇ بۇرۇن قانايدۇ. 

بۇرننى بارماق بىلەن كولاپ ئۇششاق تومۇرلارنى زەخىملەندۈرۈپ قويسىمۇ بۇرۇن قانايدۇ. پېشانە ئاستىدىكى سۆڭەك سۇنغاندىمۇ بۇرۇن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 

ئالامىتى: 

1. ئۆتكۈر يۇقىرى قىزىتمىلىق كېسەللىكلەرنىڭ بۆھران كۈنلىرىدە يۈز بەرگەن بۇرۇن قاناشتا، بۇرۇن ئۇشتۇمتۇت قاناپ، قويۇق قارامتۇل قان كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىماردا تەرلەش، ئىچ سۈرۈش، قىزىتما چۈشۈشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 

بۇرۇن قانىغان مەزگىللەردە كېزىك، قاتتىق زۇكام، ئاپتاپ ئۆتۈش قاتارلىق سەۋەبلەر كۆرۈلسە ئۆزىگە خاس بەلگىلىرى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: بەدەن قىزىش، باش ئاغرىش، كۆڭۈل ئېلىشىش قاتارلىقلار.

2. سەپرا (قۇرۇق ئىسسىق) ماددىسىنىڭ غالىبلىقىدىن بولغان بۇرۇن قاناشتا، سەپرا غالىبلىقىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇرۇندىن چىققان قان سۇيۇق، سۇس قىزىل رەڭدە بولۇپ، قان تەسلىكتە توختايدۇ. قاناش ئۇزۇنغا سوزۇلۇش ياكى ئادەتكە ئايلىنىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. چىرايى سارغىيىدۇ، تىل گېزى سېرىق، تومۇرى تېز، ئىنچىكە بولىدۇ. 

3. مېڭە قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىشىدىن بولغان بۇرۇن قاناشتا، ئاۋۋال باش قاتتىق ئاغرىيدۇ. يۈز-كۆزى قىزىرىدۇ. بۇرۇندىن قان جىرتىلداپ چىقىدۇ. چىققان قان سۇيۇق، ساپ قىزىل رەڭدە بولىدۇ. پات-پات قانىسا، چىققان قان ئىسسىق بولسا شىريان تومۇرىنىڭ يېرىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 

بىرەر ھادىسە سەۋەبىدىن زەخىملەنگەنلىكتىن بولغان بۇرۇن قاناشتا، باش ئايلىنىش، سەكتە، سۇبات كېسەللىكلىرىدىكىگە ئوخشاش مېڭە سىلكىنىش، مېڭە خىزمىتى بۇزۇلۇش ئالامەتلىرىدىمۇ قوشۇلۇپ كېلىدۇ. 

زەھەرلىك يىلان چاققاندىن بولغان بۇرۇن قاناشتا، زەھەرلىك يىلان چاققانلىق تارىخى بولىدۇ. ھەمدە زەھەرلىك يىلان چاققاندا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ. 

قان ھاسىل قىلغۇچى ئەزالارنىڭ خىزمىتى ئاجىزلاشقاندىن بولغان بۇرۇن قاناشتا، ئىلگىرى شۇ ئەزالار خىزمىتى ئاقىزلاشقانغا دائىر ئالامەتلەر بولغان بولىدۇ ۋە باشقىلار. 

داۋاسى: 

1. بۆھراننىڭ (ئاخىرقى باسقۇچ) تەسىرىدىن بۇرۇن قانىغاندا قاننى توختىتىشقا چارە قىلمىسىمۇ ئۆزلىكىدىن توختايدۇ، ياكى قايتا تەكرارلانمايدۇ. بۇ خىلدىكى بۇرۇن قاناش بۆھراننى كەلتۈرۈپ، كېسەللىكلەرگە كۆپىنچە ھاللاردا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تومۇردىن قان ئېلىشنىڭ رولىنى ئوينىشى مۇمكىن. لېكىن قاناش بەك ئېغىر دەرىجىدە بولسا مۇۋاپىق چارە قىلىش كېرەك. 

2. سەپرا (قۇرۇق ئىسسىق) ماددىسىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولغان بۇرۇن قاناشنى داۋالاشتا، قاننىڭ تېزلىكى ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىپ نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن، دەرھال باشنى سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇش، باشمالتاق بىلەن يۇقىرىقى كالپۇكنىڭ دەل ئوتتۇرىسىنى بېسىش، يۇقىرى بىلەكنى بوغۇش، ئىككى قۇلاقنى ئۇۋۇلاش، ئىككى پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاش ھەمدە چىلان شەربىتى، نېلۇپەر شەربىتى، زىرشىك شەربىتى، مەتبۇخى ھېلىلە، مەتبۇخى شاھتەررە، رىباس شەربىتى قاتارلىقلارنى كېسەلنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قەغەزنى كۆيدۈرۈپ كۈلىنى كۆك يۇمغاقسۈت سۈيى ياكى ئاياللارنىڭ سۈتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بۇرۇنغا تىقىش كېرەك. 

10 گىرام زەمچىنى سوقۇپ، 100 گرام سىركە بىلەن قاينىتىپ، يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ بۇرۇنغا تېمىتىش لازىم. 

گىل ئەرمىنىدىن ئۈچ گرام، نىشاستىدىن ئۈچ گرام، كافۇردىن بىر گرام ئېلىپ يۇمشاق ئېزىپ، سىركىگە ئارىلاشتۇرۇپ، بۇرۇنغا تېمىتىلىدۇ ياكى پەلكۈچنى تۇخۇم ئېقىغا مىلاپ، ئاندىن يۇقىرىقى تالقانلارنى يۇقتۇرۇپ، بۇرۇننىڭ ئىچىگە سېلىنىدۇ. سەندەل، كافۇرلارنى فۇلابتا سۈرۈپ ياكى ئېزىپ پېشانىغا چاپسىمۇ بولىدۇ. 

بادرۇج (تاغ رەيھىنى) نىڭ سۈيىنى بۇرۇنغا تېمىتسىمۇ قاننى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ. باش ئارقىسىدىكى چوڭقۇرچاققا لوڭقا قويۇشنىڭمۇ بۇرۇن قاناشنى توختىتىش ئۈچۈن پايدىسى بار. بەزىدە ئوڭ بۇرۇن تۆشۈكى قانىسا جىگەر ساھەسىگە، سول بۇرۇن تۆشۈكى قانىسا تال ساھەسىگە لوڭقا قويسىمۇ بولىدۇ. 

كېسەلنىڭ بېشىنى ئىگىزرەك قىلىپ ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ، پېشانىسىگە سوغۇق سۇغا چىلانغان لۆڭگە قويۇپ، پات-پات يەڭگۈشلەپ تۇرۇش كېرەك. 

ئەگەر بۇرۇن قاناش ياىشى بولماي ئۇزۇنغا سوزۇلسا، قۇرسى كەھرىۋا، شەربىتى ئەنجىبار بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن گىل ئەرمىنى، نىشاستىدىن باراۋەر ئېلىپ، بىر ئاز كافۇر قوشۇپ، سىركە بىلەن خېمىر قىلىپ، چېكىگە بىر قانچە قېتىم تېڭىش كېرەك. 

3. مېڭە تومۇرلىرى يېرىلىشتىن بولغان بۇرۇن قاناشنى داۋالاشتا زاك، زەنگار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كۆيدۈرگۈچى، قۇرۇتقۇچى دورىلار ئىشلىتىلسە، بۇرۇن ئىچىدە چاقا پەيدا قىلىپ قاننى توختىتىدۇ. لېكىن بۇنداق دورىلارنى ئىشلىتىشتە بەك ئھتىيات قىلىش لازىم. چۈنكى ئۇلار قۇرۇق چاقا پەيداا قىلىدۇ. مەزكۇر چاقىلار سويۇلۇپ كەتسە، تېخىمۇ كۆپرەك قاناشقا سەۋەپچى بولۇشى مۇمكىن. 

موزا، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، تۈگمە توزۇندىسى، كۈندۇر، سەبرە، خۇنسىياۋشان، زەمچە قاتارلىق دورىلارنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ، تالقان تەييارلاپ، لازىم بولغاندا پاختىنى تۇخۇم ئېقىغا چىلاپ تالقاننى يۇقتۇرۇپ، بۇرۇن تۆشۈكىگە قاپلاپ قويسىمۇ بولىدۇ. بەزىدە مەزكۇر تالقاننى نەيچە ئارقىلىق بۇرۇن ئىچىگە پۈركىسىمۇ قان توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىمارنى جىم ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش، پېشانىسىغا مۇز تېڭىش، باشقا سوغۇق سۇ قويۇش كېرەك. 

ئەگەر بۇرۇن قاناش ئادەتكە ئايلىنىپ پات-پات قانايدىغان بولۇپ قالسا، قاننى قويۇلدۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلدۇرۇش، قۇرسى كەھرىۋا، شەربىتى ئەنجىبار، شەربىتى خەشخاش، شەربىتى ھەببۇلئاسلارنى ئىستېمال قىلدۇرۇپ، قاننىڭ قويۇقلىشىشىغا ئاساس يارىتىش كېرەك. 

ئومۇمەن، بۇرۇن قاناش دورىلار بىلەن توختىمىسا ۋە قان جىق چىقىپ كېتىش ئېھتىمالى بولسا، بىلەكنى قولتۇقتىن، چوڭ يوتىنى يېرىقتىن چىڭ بوغۇپ قويۇش كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى قان بوغۇلغان تەرەپكە تارتىلىپ بۇرۇن قاناشنىڭ توختىشىغا چوڭ ياردىمى بولىدۇ. لېكىن قولنى قولتۇقتىن، يوتىنى يېرىقتىن بوغقاندا قالغان جايلارنى ئوچۇق قالدۇرۇش كېرەك. . ئەگەر ئۇنداق قىلماي قول ۋە يوتىنىڭ ھەممە جايلىرىنى ماتا بىلەن يۆگەپ تاشلىسا قول، پۇت ئۇچلىرىدىكى قاننى سىقىپ ئومۇمىي بەدەندە ئايلىنىدىغان قان مىقدارىنى كۆپەيتىپ قويىدۇ. بۇنداق قىلىش خاتا بولۇپما قالماي، بەلكى بۇرۇن قاناشنى توختىتىشقا ئىنتايىن پايدىسىز. يەنى شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەككى، بۇغۇلغان جاينى پات-پات بوشىتىپ، تەكرار بوغۇپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا پۇت-قول ئۇچلىرىغا قان يېتىشمەي گۆشلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى