ساغلاملىق

بۇرۇن قىچىشىش

بۇرۇن قىچىشش بۇرۇن ئىچى ئۆزلۈكىدىن قىچىشىپ غىدىقلانغانلىقىغا ھەمدە شۇ تەسىرىدىن كۆزدىن ياش، بۇرۇندىن سۇ ئاققانلىقىغا قارىتىلغان. 

سەۋەبى:

1. ئىچكى-تاشقى ئامىللار تۈپەيلىدىن قۇرۇق ئىسسىق، قۇرۇق سوغۇق ماددىسى غالىپ كېلىپ، ئۆتكۈر ئىسسىقلىق بۇرۇن ئىچى شىللىق پەردىلىرىگە يامان تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن بۇرۇن قىچىشىدۇ. 

2. يەرللەرنىڭ مېڭە ۋە چېكە تومۇرلىرىدا توختاپ قالغانلىقى، بۇرۇننىڭ يەرلىك ئورنىدا يەلنىڭ تەسىرىدىن قىچىشىش، قىزىرىش، قىسمەن چاقىلار چىقىش قاتارلىقلار يۈز بەرگەنلىكى تۈپەيلىدىن بۇرۇن قىچىشىش كېلىپ چىقىدۇ. 

3. تازىلىق قائىدىلىرىگە رىئايە قىلماي، بۇرۇن تۈكلىرىنى يۇلۇش ياكى قىرقىش سەۋەبىدىن تۈكلەر يىرىكلىشىپ، بۇرۇن ئىچىنى غىدىقلاپ بۇرۇن قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

4. بەزىدە زۇكامنىڭ نەزلە سۈيى بۇرۇن ئىچى شىللىق پەردىلىرىدە توختاپ قېلىپ، ئوفۇنەت ھاسىل قىلغانلىقىدىن، تەدرىجىي بۇرۇن قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى كىشىلەردە بۇرۇن ئىچىگە ئۇششاق مۇدۇرلار چىقىپ ساقايغانلىقىدىن كېيىنمۇ ئاسارىتى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ يەلگە ئايلانغانلىقتىن بۇرۇن قىچىشىشقا سەۋەب بولىدۇ. بەزى كىشىلەردە ئاتىشەك (سىفلىس) كېسىلى تەسىرى تۈپەيلىدىن بۇرۇن ئىچى قىزىرىپ قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

 ئالامىتى: 

1. قۇرۇق ئىسسىق ياكى قۇرۇق سوغۇقتىن بولغان بۇرۇن قىچىشىشتا شۇ خىلىتلارغا خاس ئالامەتلەردىن سىرت ئىسسىقلىق تاماقلارنى كۆپ يېسە ياكى قۇرغاق ھاۋاغا چىقسا، بۇرۇن ئىچىنىڭ غىدىقلىنىشى ۋە قىچىشىشى كۈچەيتىلگەنىكى بىلىنىدۇ. كۆزدىن ياش، بۇرۇندىن سۇ ئاقىدۇ. چىققان ياش ۋە سۇيۇقلۇقلار ئىسسىق ھەم ئېچىشتۇرۇپ كېلىدۇ. 

2. بۇرۇنغا جاراھەتلەر چىقىدۇ. قۇرغاق ھاۋا، ئىسسىق تاماقلار تەسىر قىلمىسىمۇ بۇرۇن قىچىشىدۇ. بەزىدە قىزىرىدۇ. يەنى چاقا كۆپ چىقىپ بۇرۇن كۆپ قىچىشسىمۇ، ياش ۋە سۇيۇقلۇق ئانچە كۆپ ئاقمايدۇ. 

3. بىماردا بۇرۇن تۈكلىرىنى يۇلىدىغان ۋە قىرقىيدىغان ئادەت بولىدۇ. ئومۇمىي بەدەن ۋە بۇرۇن قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باشقا ئەھۋاللار بولمايدۇ. 

4. بىماردا دائىم زۇكام بولۇپ، نەزلە سۇلىرىنىڭ بۇرۇنغا يامان تەسىر قىلغانلىق ۋە ئاتىشەك (سىفلىس) كە گىرىپتار بولغانلىق تارىخى بولىدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى