ساغلاملىق

كرېمنىي رولى

مىنېرال ماددا كرېمنىينىڭ ئارخىپى

ئېلېمېنت بەلگىسى: Si

تۈرى: مىكرو ئېلېمېنت

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: كرېمنىي 1970-يىلى ئاندىن ئىنسانلارغا زۆرۈر لازىملىق مىكرو ئېلېمېنت دەپ تونۇلدى. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يۈرەك قان تومۇر، سۆڭەك، بۆرەك كېسەللىكلىرى، ھەتتا قېرىش قاتارلىقلار ئۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ تەڭپۇڭسىز بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئاساسلىق رولى: سۆڭەك، كۆمۈرچەك ۋە قوشقۇچى توقۇلمىلارنىڭ نورمال ئۆسۈشىنى ساقلايدۇ.

ئېلاستىك تالالار ۋە ئارىلىق ماددىنىڭ مۇكەممەللېكىنى ساقلاپ، ئۇماچسىمان مۇنەكلەرنىڭ شەكىللىنىشىنى ئازايتىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ مۇئەييەن بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.

ماددا ئالماشتۇرۇشنى ۋە بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىشىغا قارىتا بەلگىلىك تەسىرى بولۇشى مۇمكىن.

يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى: سۆڭەكنىڭ يېتىلىشى ناچار بولىدۇ. بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

قۇرامىغا يەتكەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا قان تومۇرلارنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ۋە ئېلاستىكلىقى تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، نەتىجىدە ئاسانلا تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى ۋە ئارتېرىيە قېتىشىش پەيدا بولىدۇ.

تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى

بوغۇم ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىم، ئارتېرىيە قېتىشىش، جىگەر قېتىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇۋاپىق مىقداردا كرېمنىي تولۇقلاپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى يېنىكلەتسە بولىدۇ.

يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى

تەركىبىدە كرېمنىي مول يېمەكلىكلەردىن گۆش، دانلىق ئاشلىق شۇنىڭدەك ئۆسۈملۈك تالالىرى (يېيىشكە بولىدىغان تالالار) بار. بۇلاردىن دانلىق ئاشلىقلارنىڭ ئۇرۇقى (شال، بۇغداي) ھەمدە كېپىكى تەركىبىدىكى مىقدارى ئەڭ كۆپ، يېيىشكە بولىدىغان تالا مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغىنى كۆكتات، مېۋە-چىۋە قاتارلىق ئۆسۈملۈك مەنبەلىك يېمەكلىكلەردىن ئىبارەت.

مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى

سۆڭەكنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز بولىدۇ.

ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ.

ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا سىلىتسىي 4 ئوكسىد شۈمۈرۈلسە ئاسانلا كرېمنىيلىك ئۆپكە (سىلىتسىيلىك ئۆپكە) كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ.

سۈيدۈك يولىدا چۆكۈشتىن سۈيدۈك تېشى شەكىللىنىشى مۇمكىن.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

كالىتسىي تولۇقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا كرېمنىي قوبۇل قىلىشقىمۇ دىققەت قىلغاندىلا ئاندىن سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىىڭ ئالدىنى ياخشىراق ئالغىلى بولىدۇ.

پىۋا تەركىبىدە نۇرغۇن كرېمنىي بولۇپ، ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن ئاسان قوبۇل قىلىنىدۇ، شۇڭا دائىم پىۋا ئىچىپ بەرگەندە، سۆڭەكنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

كۈندىلىك ئىستېمال قىلىش مىقدارى

ئادەم بەدىنىنىڭ كرېمنىيغا بولغان كۈنلۈك ئېھتىياجلىق مىقدارى 10-50 مىللىگرام.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى