ساغلاملىق
ۋىتامىن C ئىچىملېكىنى كۈندە بىر بوتۇلكىدىن ئارتۇق ئىچمەڭ
تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشچە ، بازارلاردا سېتىلىۋاتقان ۋىتامىن C ئىچىملىكلىرىگە قوشۇلغان ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ ، كۆپلەپ ئىستېمال قىلغاندا ، ۋىتامىن C نىڭ بەدەنگە ئۆلچەملىك قوبۇل قىلىنىشى چەكتىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن ، شۇڭا ھەر كۈنى بىر بوتۇلكىلا ئىچسە بولىدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا ۋىتامىن C ئىچىملېكىنى ئىچىش ھەرگىزمۇ كۆكتات ، مېۋە–چېۋە يېمىسىمۇ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن . چۈنكى كۆكتات مېۋە–چېۋە تەركىبىدە ۋىتامىن C دىن باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار ھەمدە ساغلاملىقنى ئاسرىغۇچى تەركىبلەر بار بولۇپ ، ئۇلار ۋىتامىن C بىلەن ئۆز ئارا بىرىكىپ ، بەدەنگە كېرەكلىك ھەر خىل ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى تولۇقلايدىكەن .