ساغلاملىق

ۋىتامىننى زىيادە كۆپ مىقداردا تولۇقلاش مۇۋاپىق ئەمەس

ۋىتامىن قوبۇل قىلىش يېتەرلىك بولمىسا، ھەرخىل ۋىتامىن كەملىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئەمما قوبۇل قىلىش زىيادە كۆپ بولسا، بولۇپمۇ ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىننى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلغاندا، ۋىتامىن جۇغلىنىپ قېلىش خاراكتېرلىك زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. 

ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتا  بىرەر چەك بولۇشى كېرەك، ۋىتامىن تولۇقلاشتىمۇ شۇنداق. ۋىتامىن قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە ياخشى بولىۋەرمەيدۇ. خالىغانچە يەپ، بەك كۆپ قوبۇل قىلغاندا ئىسراپچىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە بەدەندىكى باشقا تەركىپلەرنىڭ ماددا ئالمىشىشىغىمۇ تەسىر يېتىشى مۇمكىن. ۋىتامىن ياسالمىلىرىنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئادەم بەدىنىدە زەھەرلىنىش ھادىسىسى پەيدا بولىدۇ،  سالامەتلىكىمىز ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ. ھامىلىدار ئاياللاردا زەھەرلىنىش كۆرۈلسە، كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدۇ. 

بىرىنچى، زىيادە كۆپ مىقداردىكى ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن ئادەم بەدىنىنى زەھەرلەيدۇ. ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن (مەسىلەن: ۋىتامىن A، ۋىتامىن D، قاتارلىقلار) ئادەم بەدىنىدە زاپاس ساقلىنىدۇ، ئەمەلىي قوللىنىشتا (ئاساسلىقى بالىلارغا كالتسىي تولۇقلاشقا ئىشلەتكەندە) زىيادە كۆپ ئىشلەتكەنلىكتىن زەھەرلەنگەنلىكىگە ئائىت نۇرغۇن مىساللار بار. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىككى خىل ۋىتامىننى ئىشلەتكەندە جەزمەن مىقدارىنى قاتتىق ئىگىلەش، خالىغانچە ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. 

ئىككىنچى: سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىننى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن گەرچە سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىپ، ئاسانلىقچە زەھەرلىنىش كېلىپ چىقمايدىغان بولسىمۇ ئەمما كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلسا، سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ. 

ئۈچىنچى: ۋىتامىننى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا بەدەندە ۋىتامىنغا تايىنىۋېلىشنى پەيدا قىلىدۇ. مۇتەخەسىسلەر گەرچە بەدەندە ۋىتامىن كەمچىل بولمىغان ئەھۋالدا، ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا ۋىتامىن ئىستېمال قىلىنسا ئادەم ئەكسىچە ھالدا چارچاش ھېس قىلىدۇ. ئېغىر بولغاندا ‹‹ ۋىتامىنغا تايىنىۋېلىش كېسەللىك ئالامىتى›› نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى. ۋىتامىنغا خۇمار بولۇپ قالغاندا، ئەگەر ئىستېمال قىلىشنى تۇيۇقسىز توختىتىپ قويسا تۈرلۈك يېقىمسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. 

كونكرېت ئېيتقاندا، ۋىتامىننى زىيادە كۆپ تولۇقلىغاندا تۆۋەندىكىدەك كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ: 

ۋىتامىن A زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىنسا، چاچ چۈشۈش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، تېرىسى بېلىق قاسىراقسىمان سۇيۇلۇش، كۆرۈشى غۇۋالىشىش، ئەسۋا چىقىش، قول-پۇتى ئېچىشىپ ئاغرىش، چارچاش، بېشى ئاغرىش، جىگىرى ئىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 

ۋىتامىن E ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىنسا ئاسانلا قان پىلاستىنكىلىرى يىغىلىۋېلىش ۋە قان نوكچىسى پەيدا بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. 

ۋىتامىن K زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىنسا، قان ئېرىشچان كەم قانلىق، يۇقىرى پروپىئونىك كىسلاتالىق قان كېسىلى، جىگەر كېسەللىكى قاتارلىقلار پەيدا بولىدۇ. ئەگەر كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىنسا يەنە نەپەسلىنىش ئەزاسىنىڭ ئىقتىدارىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىپ نەپەسلىنىش قىيىنلىشىش، تېرىگە سۇلۇق قاپارتقۇ چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بوۋاقلار زىيادە كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلسا، سېرىقلىق چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ۋىتامىن D زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ئېغىز قۇرۇپ، تىلى قۇرغاقلىشىش، كۆز ئاغرىش، تېرىسى قىچىشىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ئىچى سۈرۈش ۋە پات-پات سىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، يەنە قاندىكى كالتسىينىڭ قۇيۇقلىقى ئېشىپ كېتىشكە سەۋەب بولىدۇ. ئۆتكۈر يۇقىرى كالتسىيلىق قان كېسىلىنى پەيدا قىلىشى، بۇ ئارقىلىق بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ بۆرەك ئىقتىدارى مۇكەممەل بولماسلىق ياكى بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

بۇلاردى قارىغاندا، ۋىتامىن ھەم ھاياتلىقنى ‹‹ساقلايدۇ››، ھەم ھاياتلىققا «زىيان» يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ئۇنى ئىشلەتكەندە چوقۇم بىخەتەر ئىشلىتىش مىقدارىغا دىققەت قىلىشىمىز، زىيادە ئاز ياكى زىيادە كۆپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم. 

ۋىتامىن ياسالمىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بولىدۇ، ئۇلارنى چۈشەندۈرۈلىشىدە كۆرسىتىلگەن ئۈنۈملۈك مۇددىتى ئىچىدە ئىشلىتىش كېرەك. ۋىتامىن ياسالمىلىرىنىڭ ئوكسىدلىنىپ ئۈنۈمىنى يوقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان، قۇرغاق جايغا قويۇپ ساقلاش لازىم. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى