ساغلاملىق

كالتسىينىڭ رولى

مىنېررال ماددا كالتسىينىڭ ئارخىپى

ئېلېمېنت بەلگىسى: Ca

تۈرى: ماكرو ئېلېمېنت

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: كالتسىي ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى ئەڭ كۆپ مىنېرال ماددا بولۇپ، كۆپ قىسمى سۆڭەك ۋە چىشتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %1.5 دىن ئېشىپ كېتىدۇ. كالتسىي نۇرغۇن فىزىئولوگىيىلىك جەريانلاردا كەم بولسا بولمايدىغان روللارننى ئوينايدۇ.

ئاساسلىق رولى

كالتسىي ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى ئەڭ كۆپ مىنېرال ماددا، ئۇنىڭ ئەڭ روشەن رولى سۆڭەك ۋە چىشنى ساغلام قىلىش، شۇنىڭدەك سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت. ئادەم بەدىنىدىكى كالتسىينىڭ %99ى سكڭەك بىلەن چىشتا ساقلىنىپ تۇرىدۇ، قالغان %1ى بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىغا تارقالغان بولۇپ، مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھورمۇننىڭ نورمال ئاجرىتىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈۈرۈش ۋە قاننىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىق قىممىتىنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

قاننىڭ ئۇيۇشى جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، قان زەردابىدا نورمال قويۇقلۇقتىكى كالتسىي بولغاندىلا، ئاندىن يۈرەكنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. 

نېرۋا سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ، مۇسكۇل، نېرۋىلارنىڭ نورمال قوزغىلىشچانلىقىنى ساقلايدۇ، ئىسپېرما بالدۇر يۈرەپ كېتىش، ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتا بەلگىلىك رولى بار. 

ئاياللاردىكى تۇخۇمدان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتا بەلگىلىك رولى بار. 

ئادەم بەدىنىدىكى ياغنى ئازايتىشقا پايدىلىق.

يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى

سۆڭەكنىڭ يېتىلىشى ۋە تۈزۈلۈشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ ئىپادىسى كىچىك بالىلاردىكى راخىت كېسىلى ۋە چوڭلاردىكى سۆڭەك يۇمشاقلىشىش كېسىلى، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

چىشنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يېتىدۇ، يەنە مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى، ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكىلىرى كالتسىي، كالىي، ماگنىي يېتىشمەسلىك بىلەن گىرەلەشمەس مۇناسىۋىتىگە ئىگە.

تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى

يېتىلىۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەر: يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە تۇرۇۋاتقانلىقتىن تەركىبىدە كالتسىي كۆپرەك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى زۆرۈر، كۈنىگە 1200-1500 مىللىگرام كالتسىي ئىستېمال قىلغاندا، سۆڭەكنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردىمى بولىدۇ. 

گۆشسىز تاماق يەيدىغانلار: تەركىبىدە كالتسىي مول كۆكتاتلار، مەسىلەن، پالەك قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا چۆپ كىسلاتاسى بولىدۇ، ئاسانلا كالتسىي بىلەن بىرىكىپ كالتسىي ئوكسالاتنى ھاسىل قىلىپ، ئادەم بەدىنىنى كالتسىينى تولۇق شۈمۈرۈپ پايدىلىنىشقا ئامالسىز قالدۇرىدۇ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر كالتسىي تولۇقلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى زۆرۈر. 

ياشانغانلار: بۇ مەزگىلدە ئۇلار ئاسانلا سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا كالتسىي تولۇقلاپ، بەدەن ئېھتىياجىنى قامدىشى زۆرۈر. 

ھەيز كېسىلىش دەۋرىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئاياللار: ئۇلارنىڭ كۈنىگە 1000-1500 مىللىگرام كالتسىي ئىستېمال قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلار يەنە ۋىتامىن D ئىستېمال قىلىسا، كالتسىينىڭ شۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ. كالتسىينىڭ يەنە جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىش رولى بار، ھەيز كېسىلىش دەۋرىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئاياللار ئانىلىق ھورمۇننىڭ قوغدىشى ئازىيىپ كەتكەن، سۆڭەك ماددىسىنىڭ زىيانغا ئۇچراش سۈرئىتى تېزلىشىپ كەتكەنلىكتىن، تېخىمۇ كۆپ كالتسىي ئىستېمال قىلىپ، سۆڭەكنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئېھتىياجلىق. 

روھىي جەھەتتە تەشۋىشلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار ياكى خىزمەتتىكى خادىملار: ئادەم بەدىنىدە كالتسىي كەمچىل بولسا، نېرۋىسى ھەردائىم ناھايىتى جىددىي ھالەتتە تۇرۇپ، كىچىك ئىشلارغا نىسبەتەنمۇ زىيادە سېزىمچان بولۇپ كېتىدۇ، بۇنداق چاغدا يېتەرلىك كالتسىي تولۇقلاپ، قاندا بەلگىلىك قويۇقلۇقتا كالتسىي بولۇشقا كاپالەتلىك قىلسا، تەشۋىشلىنىش، تىت-تىت بولۇش ئەھۋالىنى ياخشىلغىلى بولىدۇ.

بەل، غولى تېلىپ ئاغرىيدىغانلار: تەركىبىدە كالتسىي مىقدارى يۇقىرىراق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىغاندا ياكى كالتسىي تولۇقلاش ياسالمىلىرىنى ئىستېمال قىلغاندا، كالتسىي يېتىشمەسلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان سكڭەك شالاڭلىشىشتىن كېلىپ چىققان بەل، غولنىڭ تېلىپ ئاغرىش ئالامىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. 

ھامىلىدار ئاياللار: كالتسىي سۆڭەكنىڭ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ھامىلىنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاياللار ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى بەدىنىگە يېتەرلىك مىقداردا كالتسىي جۇغلىنىۋېلىپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئېھتىياجىنى قامدىسا بولىدۇ. يەنە ھامىلدارلىق مەزگىلىدىمۇ مۇۋاپىق كالتسىي تولۇقلاپ، ھامىلىنىڭ ياخشى يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى زۆرۈر. 

بوۋاقلار: ئۇلارغا كۈنىگە 500-600 مىللىگرام كالتسىي ئىستېمال قىلغۇزۇپ، سۆڭەكلىرىنىڭ نورمال ئۆسۈش ئېھتىياجىنى قامداش ھەمدە سۆڭىكىنىڭ چىڭلىقىنى ساقلاش لازىم. 

ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىدىغانلار: كالتسىي ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىشنى پەسەيتىشكە ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىدۇ، ئاياللار ھەيىز كېلىشتىن بۇرۇن ۋە ھەيز كېلىش مەزگىلىدە كالتسىي ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشى زۆرۈر.

ھەمىشە ئۇخلىيالمايدىغانلار: كالتسىي نېرۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى ماسلاشتۇرۇشقا ۋە مۇسكۇللارنىڭ بوشىشىغا ياردەم بېرىدۇ، بۇنىڭ ئۇيقۇسىزلىق ھادىسىسىنى ياخشىلاشقا ياردىمى بولىدۇ.

يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى

كالتسىي ئەڭ مول يېمەكلىك سۈت مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، بۇلاردىن كالا سۈتى، قېتىق، پىشلاق (ئىرىمچىك) قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى. بۇنىڭدىن باشقا، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، يېشىل رەڭلىك كۆكتاتلار، شىمىشكا قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارىمۇ بىر قەدەر مول.

مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى

بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش، سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ يۇقىرى كالتسىيلىق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى بار، كالتسىي تۇزلىرى ھەرقايسى توقۇلما، ئەزالارغا چۆكۈپ، كەڭ دائىردە كالتسىيلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بالىلارنىڭ كالتسىي تولۇقلىشى چەكتىن ئېشىپ كەتسە، قان بېسىمى تۆۋەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭدەك كېيىنكى كۈنلەردە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

كالتسىي بىر قېتىمدا كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىنسا، ئەكسىچە ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئۈنۈمى بولمايدۇ، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىمغا بۆلۈپ، تاماقتىن كېيىن ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلىش ئادەم بەدىنىنىڭ كالتسىينى قوبۇل قىلىشىدىكى بىر قەدەر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلسا يەنە ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ. 

كالتسىي ۋىتامىن A، ۋىتامىن C، ۋىتامىن D، شۇنىڭدەك ماگنىي، فوسفورلار بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىنسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، لېكىن پوسفۇر زىيادە كۆپ بولسا ، كالىتسىينى خورىتىۋېتىدۇ ، ۋىتامىن Dزىيادە كوپ بولۇپ كەتسىمۇ زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .  

كالىتسىي تۇلۇقلاشتا ئەڭ ياخشىسى تەركىبىدە كالىتسىي مول تەبىئىي يېمەكلىكلەر ياكى كۈچەيتىلگەن كالىتسىيلىك يېمەكلىكلەردىن تۇلۇقلاش لازىم ، كالىتسىي تۇلۇقلاش دورىللىرىنى ئىستېمال قىلىش زۆرۆر بولغانلار دوختۇردىن مەسلىھەت سورىشى لازىم. 

كالتسىي ئاسانلا چۆپ كىسلاتاسى بىلەن بىرىكىپ كالتسىي ئوكسالاتنى ھاسىل قىلىپ، تاش پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ كالتسىينى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كالتسىي ئىستېمال قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەركىبىدە چۆپ كىسلاتاسى ياكى فىتىك كىسلاتا مول يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار، قىزىلچا، كاللەكبەسەي تۈرىدىكى كۆكتاتلار، بۆلجۈرگەن، يەرياڭىقى، ياڭاق، شاكىلات، قېتىق، چاي، كوكاكولا قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى