ساغلاملىق
ئاقىرقەرھا مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئاقىرقەرھا 6 گرام، دارچىن 3 گرام، ئىپار 2 گرام، ئەپيۈن 1 گرام. ھەممە دورىلارنى سوقۇپ، سىماب مېيى ياكى گۈلىيەسىمەن مېيىغا ئارىلاشتۇرۇپ تومۇزنىڭ ئاپتىپىدا 21 كۈن قويۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى: ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: جىنسىي ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: ئەرلەر جىنسىي ئاجىزلىقىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ جىنسىي ئەزا، ئۇرۇق بېزى خالتىسى، بۆرەك ساھەسى، ئالىقان، پۇت-قوللارنى مايلاپ بەرسە جىنسىي ئەزانى كۈچەيتىدۇ.