ساغلاملىق

ياپونىيەنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داۋالاش كەسپى

ئالدىنقى قېتىم ياپونىيەنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن-تېخنىكا كەسپلىرىنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق، بۇ ساندا ياپونىيەنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داۋالاش كەسپىنى ئايرىم تونۇشتۇرىمىز.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىلگىرى دۇنيا بويىچە داۋالاشنى باھالاش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، داۋالاش سەۋىيەسى، داۋالاشنى قوبۇل قىلىش مۇلازىمىتىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى، داۋالىنىش ھەققىنىڭ يۈكى قاتارلىق جەھەتلەردىن دۇنيادىكى 190 نەچچە دۆلەتنى ئۇنىۋېرسال باھالاپ رەتكە تىزغان، ئاخىرىدا ياپونىيە يەنە بىر قېتىم دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، بۇندىن ئىلگىرى ياپونىيە ئۇدا ئۈچ يىل دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا بويىچە داۋالاش سەۋىيەسى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

ياپونىيەنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داۋالاش كەسپى (1)

بۇنىڭ ئىچىدە، ياپونىيە خەلقىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ راك كېسىلىنىڭ بەش يىلدا ھايات قېلىش نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى؛ راك كېسىلىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ تۆۋەن؛ راك كېسىلىلا ئەمەس، ياپونىيەنىڭ دىيابېت ۋە يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتىمۇ دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ياپونىيەدە تەرەققىي قىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش بار.

1. ياپونىيەنىڭ داۋالاش سەۋىيەسى: ياپونىيەنىڭ داۋالاش سەۋىيەسىنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىدە تۇرۇشى قۇرۇق نام ئەمەس، پاكىت ئاساسى بار. مەسىلەن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) بۇرۇن ئېلان قىلغان «2013-يىللىق دۇنيا سەھىيە ئىستاستىكا دوكلاتى»دا، ئىنسانلارنىڭ مۆلچەردىكى ئۆمرى، ئۆلۈش نىسبىتى ۋە داۋالاش، سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى قاتارلىق توققۇز جەھەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى 194 دۆلەت ۋە رايوننىڭ سەھىيە ۋە داۋالاش سانلىق مەلۇماتلىرى تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، ياپونىيە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

2. ياپونىيەنىڭ ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى: ياپونىيەنىڭ دوختۇرخانا ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركەزلىرىگە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار بولغان ئىچىنى كۆرۈش ئەينىكى، مىكروسكوپ، لازېر نۇرى، يول باشلاش سىستېمىسى قاتارلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەن. مەسىلەن، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى، CT ،MRI، يالتىراق نۇرلۇق تەسۋىر كۆچۈرۈش تېخنىكىسى، PET، ئېلېكترونلۇق ئىچكى بوشلۇق ئەينىكى، CT ئارقىلىق تېرە ئىنچىكە يىڭنىگە پۇنكىسىيە قىلىپ تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش ئەسۋابى، رەقەملەشكەن X نۇرىدا تەسۋىر ھاسىل قىلىش قۇرۇلمىسى قاتارلىقلار.

ياپونىيە ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ياساپلا قالماي، يەنە چەت ئەللەردە تەتقىق قىلىپ چىققان دۇنيا بويىچە ئەڭ يېڭى پروتون نۇرى بىلەن داۋالاش ئۈسكۈنىسى (پۈتۈن ياپونىيەدە ئاران ئىككىسى) بار، بۇ IBA شىركىتى ياسىغان ئەڭ يېڭى تىپتىكى ئەڭ يۇقىرى سەپلىمىلىك پروتون نۇرى ئۈسكۈنىسى (ProteusO IBA بولسا بېلگىيەنىڭ شىركىتى، نۆۋەتتە دۇنيا پروتون داۋالاش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش، ئېچىش كارخانىسى بولۇپ، دۇنيا بويىچە %50تىن ئارتۇق بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلەيدۇ، ئىلگىرى قىزىل نۇقتىلىق لايىھەلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بىردىنبىر داۋالاش ئۈسكۈنىسى بولۇپ باھالانغان).

ياپونىيەنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داۋالاش كەسپى (1)

بۇنىڭدىن سىرت، ياپونىيەدىكى دوختۇرلار بىلەن داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىسى ئىنتايىن زىچ بولۇپ، دائىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، چۈنكى نۇرغۇن ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى دوختۇر ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كارخانىلىرى ياكى دوختۇرخانىلار ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان.

ياپونىيەدىكى چوڭ تىپتىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كارخانىلىرىنى ئومۇمەن ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ: بىرى، چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى سانائىتى ماگناتلىرى، مەسىلەن، ئولىمپۇس، توشىبا (كانون)، فۇجى پىليۇنكىسى، شىمادزۇ ياسىمىچىلىقى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ دۇنيادىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ماگناتلىرى ئىچىدىكى ھەممىباب ئېلېكتىرلىك داۋالاش، فىلىپىس، سىمېنز، جونسىن قاتارلىقلارغا ئوخشايدۇ؛ يەنە بىرى، مەخسۇس داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار، مەسىلەن، تېرۇمو، خىسېن، ياپونىيە فوتوئېلېكتر تېخنىكىسى قاتارلىقلار بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ مېدترونىك (Medtronic)، سترايكېر (Stryker) قاتارلىقلارغا ئوخشايدۇ.

ياپونىيەنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داۋالاش كەسپى (1)

ئەلۋەتتە، ئىككى خىل كارخانىنىڭ تەرەققىيات لىنىيەسىدە ئانچە چوڭ پەرق يوق، چۈنكى سىجىل تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى، ئاكتىپلىق بىلەن سىرتقا كېڭىيىپ قوشۇۋېلىش داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە ۋە يول.

3. ياپونىيەنىڭ يېڭى دورىلىرىنىڭ بازارغا سېلىنىش سۈرئىتى: ياپونىيەنىڭ يېڭى دورىلىرىنىڭ بازارغا سېلىنىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز. مەسىلەن، C تىپلىق جىگەر ياللۇغى يېڭى دورىسىنى مىسالغا ئالساق، باشقا دۆلەتلەرنىڭ يېڭى دورىلىرى بازارغا سېلىنىشتىن ئازراقمۇ شەپە بولمىغان ئەھۋالدا، ياپونىيە 2014-يىلى 7-ئىيۇل ياپونىيە سەھىيە ئەمگەك پاراۋانلىق مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بازارغا سالغان. ياپونىيەدە، نۇرغۇن كىلىنىكىلىق يېڭى دورىلار دۆلەتنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ، ئەمما بەزىلىرىنىڭ تەستىقلىنىشى بىرقەدەر ئاستا ھەم قاتتىق بولىدۇ.

4. ياپونىيەنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكشۈرۈشى: ياپونىيەنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىكى ئەڭ چوڭ يارقىن نوقتا «يۇقىرى تېخنىكىلىق راك تەكشۈرۈش» بولۇپ، ئاساسلىقى PET-CT تېخنىكىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈلىدۇ، تولۇق ئاتىلىشى «مۇسبەت ئېلېكتىرون قويۇپ بېرىش كومپيوتېرىدا ئۈزۈك قاتلاملىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش» بولۇپ، يادرو مېدىتسىناسى تەسۋىر ھاسىل قىلىش تېخنىكىسىغا تەۋە، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، راكنى تەكشۈرۈش، راكنى داۋالاشتا ئىنتايىن زور رول ئوينايدۇ.

ياپونىيەنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داۋالاش كەسپى (1)

5. ياپونىيە دوختۇرلىرىنىڭ ئىنچىكە ۋە ئەتراپلىق داۋالاش مۇلازىمىتى: ياپونىيە دوختۇرلىرىنىڭ خىزمەت پوزىتسىيىسى ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇپ، خىزمەتتە قىلچە بىخەستەلىك قىلمايدۇ. ياپونىيىلىك دوختۇرلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق بولغان دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئىمتىھاننىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى. شۇڭا، ياپونىيە دوختۇرلىرىنىڭ كەسپىي سەۋىيەسى ئىنتايىن يۇقىرى. مەسىلەن، ياپونىيە دوختۇرخانىسىدىكى رېنتىگېن بۆلۈمىنىڭ تەسۋىر چۈشۈرۈپ دىياگنوز قويۇش دوختۇرلۇقىنى X نۇرىدا تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئېنىقلىق دەرىجىسىنى باشقۇرۇش مەركىزىي كومىتېتى ئىمتىھاندا A قاتارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلېكىنى بېكىتكەن دوختۇرلار ئۈستىگە ئالىدۇ.

ياپونىيەدىكى ئەڭ ياخشى دوختۇرخانىلارنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرى سۈپەتلىك داۋالاش بىلەن ئادىمىيلەشكەن مۇلازىمەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.

ياپونىيەنىڭ داۋالاش تۈزۈلمىسى ئىنتايىن ئۆزگىچە.

ياپونىيە ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە ئوخشىمايدۇ. ياۋروپا دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئاممىۋى داۋالاش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ خىل داۋالاش تۈزۈلمىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسى كەڭ، شەخسنىڭ ئىقتىسادىي يۈكى ئازراق، لېكىن ئۈنۈمى نىسبەتەن تۆۋەن، كۆپ ھاللاردا ئېغىر بولغان داۋالاش بايلىقىنى ئىسراپ قىلىش ھادىسىسى مەۋجۇت. يەنە مەسىلەن، ئامېرىكىنى مىسالغا ئالساق، داۋالاش سىستېمىسى خۇسۇسىيلاشتۇرۇشنى ئۈزۈل-كېسىل يولغا قويغان بولۇپ، داۋالاش سەۋىيەسى ناھايىتى يۇقىرى، ئەمما كەمبەغەللەر كۆپ ھاللاردا كېسەل كۆرسىتەلمەيدۇ.

ياپونىيەنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داۋالاش كەسپى (1)

ياپونىيەنىڭ داۋالاش تۈزۈلمىسى ئاساسەن ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ھەقسىز ئاممىۋى داۋالاشنى يولغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خۇسۇسىيلاشقان، خاسلاشقان داۋالاش بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى تولۇق نەزەرگە ئالغان.

ياپونىيەنىڭ داۋالاش سىستېمىسىدا دۆلەت، ھۆكۈمەت، خۇسۇسىيلار باشقۇرۇشىدىكى ئۈچ خىل داۋالاش ئەندىزىسى قوللىنىلغان. دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك دۆلەتلىك داۋالاش ۋە تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، جۈملىدىن ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ھۆكۈمەتلەر تەسىس قىلغان دوختۇرخانىلاردىن باشقا، سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان مەھەللىلەردىكى خۇسۇسىي دوختۇرخانىلاردۇر، لېكىن كۆپىنچىسى مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرخانىلىرىدۇر. بۇ دوختۇرخانىدىكى دوختۇرلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن يۇقىرى كەسپىي سەۋىيىگە ئىگە. مەسىلەن، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، تۇغۇت بۆلۈمى، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى قاتارلىق شەخسىي دوختۇرخانا ۋە شىپاخانىلارنىڭ ھەممىسى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ۋارىسلىق قىلىشىدىن ئۆتكەن، دوختۇرخانىنىڭ باشلىقلىقىنى كۆپىنچە تېببىي پەنلەر دوكتورى ئۈستىگە ئالغان.

ياپونىيەدە، دۆلەت ئىگىلىكىدە بولمىغان دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرلىرى باشقا دوختۇرخانىلارغا بېرىپ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەشكە رۇخسەت قىلىدۇ، بولۇپمۇ نۇرغۇن شىپاخانىلارنىڭ مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرلىرى ھەمىشە داڭلىق تېببىي مۇتەخەسسىسلەر، ھەتتا تېببىي پىروفېسسورلار بولۇپ، ھەرگىزمۇ بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنى ئەمدىلا پۈتكۈزگەن پىراكتىكانتلار ئەمەس.

ياپونىيەنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داۋالاش كەسپى (1)

ياپونىيەنىڭ ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە دۇنياغا داڭلىق داۋالاش مۇلازىمىتى

ياپونىيە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىلا ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورناتقان. مەيلى ياپونىيەلىك بولسۇن ياكى ياپونىيەدە ياشاۋاتقان چەت ئەللىكلەر بولسۇن، ھەتتا ئەمدىلا ياپونىيەگە كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار بولسۇن، پەقەت ياپونىيەنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىستېمىسىغا قاتناشسىلا، ياپونىيە دوختۇرخانىسىدا داۋالانسا، مەيلى قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولسۇن، ئۆزى پەقەت% 30 ھەقنىلا ئۈستىگە ئالىدۇ.

ياپونىيە تارىخىدا ئىلگىرى 70 ياشلىق ياشانغانلارنى ھەقسىز داۋالاش تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كەتكەچكە، 70 ياشتىن 74 ياشقىچە بولغان دائىرە ئىچىدە دەپ ئۆزگەرتىلگەن، لېكىن داۋالىنىش خىراجىتىنى شەخس يەنىلا %20نىلا ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە 75 ياشتىن ئېشىپ كەتسە، شەخسلەر پەقەت %10 نى ئۈستىگە ئالىدۇ. ياپونىيە يەنە بالىلارغا ھەقسىز داۋالاش ئېتىبار تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، بالىلار كېسەل كۆرسەتسە بىر پۇڭمۇ پۇل كەتمەيدۇ.

ياپونىيەنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داۋالاش كەسپى (1)

ياپونىيىنىڭ داۋالاش تۈزۈمىنىڭ يەنە بىر ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى دورا بىلەن داۋالاشنى ئايرىش تۈزۈمىنى قوللىنىشتىن ئىبارەت. دوختۇر رېتسىپ يازىدۇ، بىمار دوختۇرنىڭ رېتسىپى بويىچە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەر قانداق بىر دورىخانىغا بېرىپ دورا ئالسا بولىدۇ. دورا پۈتۈنلەي بازارلاشقان، دوختۇرخانا مونوپول قىلىۋالمايدۇ. شۇڭا، دورا باھاسى باشتىن-ئاخىر نىسبەتەن ياخشى بولغان رىقابەت ۋەزىيىتىدە تۇرىدۇ. ياپونىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى دورا دۇكانلىرىدا، ئوخشاش دورىنىڭ باھاسى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋال ھەرگىز كۆرۈلمەيدۇ. شۇڭا، دوختۇرخانا دورىلاردىن پۇل تاپمايدۇ، قالايمىقان دورا يازمايدۇ، كۆپ دورا يېزىپ بەرمەيدۇ.

ياپونىيىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ بىمارلارغا دورا ئىشلىتىشى ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئەھۋاللار بىلەن چەكلىنىدۇ، مەسىلەن: دوختۇرخانىدا يېتىش ۋە جىددىي داۋالاش ئۈچۈن دورا ئىشلىتىش. دوختۇرخانىلاردىكى بارلىق دورىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىغانلىقى ھەمدە باھاسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋاقتىدا نازارەت قىلىشىغا ئۇچرايدىغانلىقى ئۈچۈن، بىمارلار دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە ئىشلىتىدىغان دورىلارمۇ بازارنىڭ مۇقىم باھاسى بولۇپ، باھاسى ئۆرلەپ كەتمەيدۇ.

ياپونىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق داۋالاش مۇلازىمىتى: ياپونىيەدە تەخمىنەن 130 مىليون نوپۇس بار، لېكىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيەدە ھەر مىڭ ئادەمگە توغرا كېلىدىغان كېسەل كارىۋىتى 13.7 بولۇپ، دۇنيادىكى ئوتتۇرىچە 3.7 كېسەل كارىۋىتىدىن خېلىلا يۇقىرى ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ياپونىيەنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داۋالاش كەسپى (1)

ياپونىيەدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سانى ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك كۆپ بولۇپ، 2007-يىلىدىكى OECD ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، نوپۇس نىسبىتىدىن قارىغاندا، ياپونىيە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سانى تەخمىنەن ئامېرىكىنىڭ 3.5 ھەسسىسىگە، گېرمانىيەنىڭ 2.7 ھەسسىسىگە، فىرانسىيەنىڭ 1.5 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.

ياپونىيەنىڭ داۋالاش تۈزۈمى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، مەھسۇلات، ئۆلچەم، ئىسكىلاتتا ساقلاش، ئوراش-قاچىلاش قاتارلىقلارغا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق تەلەپلەر قويۇلغان.

ياپونىيەنىڭ «بىمارنى ئىز قوغلاش» تۈزۈمى: ياپونىيە دوختۇرخانىلىرىنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك ئالاھىدە تۈزۈم ئەندىزىسى بار بولۇپ، دەل ۋاقتىدا «بىمارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش»تىن ئىبارەت. ياپونىيىدىكى دوختۇرخانىلاردا دوختۇرلار ھەر بىر ئوپېراتسىيەنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، دوختۇر چوقۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇزاق مۇددەت بىمارنىڭ ئىزىغا چۈشۈشى ھەمدە قەرەللىك تەكشۈرۈش، قايتا تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك، بىمار دوختۇرخانىدىن ئايرىلسا، دوختۇر بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالمايدۇ.

«بىمارنى ئىز قوغلاش» تۈزۈمى دېگىنىمىز، ئادەتتە مەسئۇل دوختۇر سېستراغا مەسئۇل بولۇشنى ھاۋالە قىلىدۇ ھەمدە بىمار بىلەن قەرەللىك ئالاقىلىشىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىز قوغلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەمدە بىمارنى ۋاقتىدا بىر قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، سالامەتلىك ئەھۋالىنى قەرەللىك سۈرۈشتۈرىدۇ.

ئىز قوغلاش مۇددىتى ئادەتتە بەش يىل بولىدۇ. بىماردا قايتا قوزغىلىش ئەھۋالى بايقالسا، ياپونىيەلىك مەسئۇل دوختۇر بىمارنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا تەكلىپ قىلىپ قايتا داۋالايدۇ. شۇڭا، ياپونىيە دوختۇرخانىسىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە غەمخورلۇق قىلىش تۈزۈمى دوختۇرلارنى تۆۋەندىكىدەك پايدىغا ئېرىشتۈرىدۇ، يەنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىز قوغلاپ كۆزىتىش ئارقىلىق، ئوپېراتسىيە ۋە داۋالاش ئۈنۈمىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، دوختۇرنىڭ ئوپېراتسىيە لايىھەسىنى ئۈزۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ ياخشى ئوپېراتسىيە داۋالاش لايىھەسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىمارنىڭ ئازاب ۋە پىسخىكا يۈكىنى ئازايتىپ، دوختۇرنىڭ داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

شۇڭا، ياپونىيە دوختۇرخانىلىرىدا دوختۇرلارنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشقا ئىنتىلىشتەك «ھۈنەرۋەن روھى» مەۋجۇت. ياپونىيەنىڭ داۋالاش سەۋىيەسىنىڭ ئۇزاققىچە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرالىشىنى مۇكەممەل داۋالاش تۈزۈمى، دوختۇرلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىدىغان ھۈنەرۋەن روھىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

ياپونىيەنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داۋالاش كەسپى (1)

ياپونىيەنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى جەھەتتە، نۇرغۇن مەھسۇلاتلىرى دۇنياغا داڭلىق بولۇپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ ھەمدە سانى ناھايىتى كۆپ. سانى كۆپ دېگەنلىك پەقەت ئاز ساندىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئىلغار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئاساسەن «ئومۇميۈزلۈك داڭلىق»، چېتىلىدىغان تۈرى، كېسەللىككە دىياگنوز قويۇش تۈرى، دىياگنوز قويۇش كاتېگورىيەسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار بولۇپ، چېتىلمايدىغان دائىرىسى ناھايىتى ئاز، بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ياپونىيەنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسى كەڭ ھەم تېخنىكىسى ئىلغار، بەزى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار بولمىسىمۇ، يەنىلا دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، بۇ ئەلۋەتتە ياپونىيەنىڭ تەرەققىي قىلغان ئېلېكتىر سايمانلىرى سانائىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

ياپونىيە ماشىنىسازلىق، ئوپتىكا، ئېلېكترون ۋە ماتېرىيال سانائىتىدە كۈچلۈك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنتايىن ئومۇميۈزلۈك ۋە كەڭ دائىرىلىك داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى سانائىتى تۈرىگە ئىگە، ياپونىيە مۇتلەق كۆپ ساندىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ. ياپونىيە ھازىر ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ئېكسپورت قىلىدىغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى جەمئىي 15 چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

دەسلەپكى مەزگىلدىكى ياپونىيەنىڭ داۋالاش سايمانلىرى ئاساسلىقى شپىرىس، تاشقى كېسەللىكلەر سايمانلىرى، قان ئېلىش خالتىسى، بەدەن تېرمومېتىرى، قان بېسىم ئۆلچىگۈچ قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئاساس قىلغان؛ 80-يىللار ياپونىيەنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان مەزگىل.

ياپونىيەنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى سانائىتىدە ئەڭ رىقابەت كۈچىگە ئىگە تۈرلەر ئاساسلىقى: تۈرلۈك ئېلېكتىرونلۇق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى (ئەڭ تىپىك ۋەكىلى تۈرلۈك تەسۋىر دىياگنوزى ئۈسكۈنىلىرى، ئىچكى بوشلۇق ئەينىكى، كۆزىتىش ئاپپاراتى، بىئوخىمىيەلىك ئانالىز ئەسۋابى قاتارلىقلار)، يۇقىرى مولېكۇلالىق مەھسۇلاتلار (مەسىلەن، دىئالىز ئەسۋابى)، چىش بۆلۈمى ئۈسكۈنىلىرى ۋە ماتېرىياللىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ياپونىيەنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داۋالاش كەسپى (1)

ياپونىيەنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كەسپىدە ئەڭ ئەۋزەللىككە ئىگە، دۇنياۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولغىنى ئېلېكتىرون تۈرى، دىياگنوز قويۇش تۈرى، دىئالىز ئەسۋابى، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى؛

ياپونىيەدىكى بىرىنچى چوڭ داۋالاش ئۈسكۈنىسى ياساش سودىگىرى ئولىمپۇس خېلى بۇرۇنلا چەت ئەل بازارلىرىغا يۈرۈش قىلىپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ئىچكى بوشلۇق ئەينىكى ساھەسىدە دۇنيادىكى %70 بازارنى كونترول قىلغان، ياپونىيەدىمۇ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن.

مەسىلەن، دۇنيادىكى 50 كۈچلۈك داۋالاش ئۈسكۈنىسى ئىچىدە، ياپونىيەنىڭ ئولىمپۇس (تىجارەت كىرىمى 5 مىليارد 745 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)، تېرۇمو (تىجارەت كىرىمى 5 مىليارد 430 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)، خويا (تىجارەت كىرىمى 3 مىليارد 382 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)، نىپرو (تىجارەت كىرىمى 3 مىليارد 26 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)، ياپونىيە فوتو ئېلېكتىرونى (تىجارەت كىرىمى بىر مىليارد 620 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) قاتارلىقلار دۇنيادىكى 50 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرگەن.

ياپونىيەدا داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كارخانىلىرى ۋە مەھسۇلاتلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ ئولتۇرمايمىز.

ياپونىيەنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داۋالاش كەسپى (1)

ياپونىيە دۇنيا بويىچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلار ئەڭ كۆپ دۆلەت، ياپونىيەنىڭ ھەممە شەھىرىدە دېگۈدەك ساغلاملىق باشقۇرۇش مەركىزى بار، ئىنتايىن تولۇق كۈتۈنۈش، داۋالاش ئەسلىھەلىرى، پاكىز ھاۋا، پاكىز ئىچىملىك سۇ ۋە يېمەكلىككە ئىگە بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.

ياپونىيە ھەر يىلى راك كېسىلى، دىيابېت كېسىلى، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا زور مىقداردا داۋالىنىش خىراجىتى ئاجرىتىپ بېرىپ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ كېسەللىكنى ۋاقتىدا بايقىشى ۋە ئالدىنى ئېلىشىغا پائال ياردەم بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە، ئىقتىساد يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ. ياپونىيەدە ھەر بىر شەھەردە دېگۈدەك ھۆكۈمەت مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ساغلاملىق باشقۇرۇش مەركىزى تەسىس قىلىنغان ھەمدە شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلار ۋە ئالىي مەكتەپ قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلار قاتارلىقلار بىلەن ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ، ئاممىنى ئومۇميۈزلۈك ساغلاملىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ياپونىيەنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داۋالاش كەسپى (1)

ياپونىيە دۇنيا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن دۆلەت ھەمدە دۇنيا بويىچە قېرىلىشىش نىسبىتى ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەرنىڭ بىرى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2050- يىلىغا بارغاندا 15 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغان نوپۇسنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 80-، 90-يىللاردىكى %70تىن %50 ئەتراپىغا تۆۋەنلەيدىكەن، 65 ياشتىن ئاشقان نوپۇس بولسا %10تىن %38كە ئۆرلەيدىكەن.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى