ساغلاملىق
ئۆچكە يېغى
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئۆچكە يېغىنى قىزىتىپ جىگىرتىكىدىن ئايرىپ تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق
خۇسۇسىيىتى: توختىتىش، سىلىقلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: ئۆچكە يېغىنى موزا، كەتىرا بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چاپسا، سونجاق يېرىلغانغا پايدا قىلىدۇ. ئۆچكە يېغىنى گۈرۈچ ئۇنى بىلەن تېرىق ئۇنىدا ئاتىلا قىلىپ ئىستېمال قىلسا، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشتىن بولغان ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. ئۆچكىنىڭ چاۋا ياغلىرىنى ئېرىتىپ ئارپا ئۇنى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ھۆقنە (كلىزما) قىلسا ئۈچەيلەردىكى جاراھەتكە پايدا قىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق ھالدا تاماق قىلىپ ئىستېمال قىلشى، يەرلىك ئورۇنغا سۈركەش ۋە كلىزما قىلىش لازىم.