ساغلاملىق
ئات يېغى
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئات يېغىنى قورۇپ جىگىردىكىدىن ئايرىپ سۈزۈپ ئېلىنىدۇ.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: ئاغرىق پەسەيتىش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا بەدەننى قۇۋەتلەيدۇ. سوغۇقتىن بولغان ئاغرىقلارنى پەسەيتىدۇ. پالەچكە پايدا قىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق مىقداردا تاماق قىلىپ يېيىلىدۇ. يەرلىك ئورۇنغا سۈركۈلىدۇ.