ساغلاملىق
پىياز ئۇرۇقى مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى: سىقىش ماشىنىسىدا سىقىپ ئېلىنىدۇ.
تەركىبى: پىياز ، ئالما كىسلاتاسى، كالتسىي، كالىي، ناترىي، گۈڭگۈرت، تۆمۈر قاتارلىقلار بار.
تەبىئىتى: مۆتىدىل.
خۇسۇسىيىتى: باكتېرىيىگە قارشى دورا بولۇپ، ياللۇغ قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: مىكروب ئۆلتۈرگۈچى كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولۇپ، بۇنى ياللۇغ قايتۇرۇش، ئەت ئۈندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: پىياز ئۇرۇقى مېيىنى مۇۋاپىق ھالدا يىرىڭلىق يارىلارغا چاپسا يىرىڭنى يوقىتىدۇ. جاراھەت ئۈستىگە چاپسا يىرىڭنى يوقىتىپ ئەت ئۈندۈرىدۇ.