ئادراسمان مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى: سىقىش ماشىنىسى ياكى گىلى ھېكمەت ئۇسۇلىدا ئېلىنىدۇ.
تەركىبى: ئۇرۇقنىڭ تەركىبىدە %7.42-3.9 ئالكالوئىد تۇتىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى ھارمېن، ھارمالېن، پېگانىن، كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى، گلۇكوزا، قومۇش شېكىرى، گالاكتوزا قاتارلىقلار بار.
تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە ئىسسىق، ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق.
خۇسۇسىيىتى: مېڭىنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، پەيلەرنى چىڭىتىش، يەللەرنى تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: پالەچ، لەقۋا، ئەزالارنىڭ تىترىشى، پەيلەرنىڭ بوشىشىپ كېتىشى، تۇتقاق كېسەل، يۈرەك قوزغىلىش، بەل ئاغرىقى، يانپاش ئاغرىقى، باھ ئاجىزلىقى، بۆرەك، بالىياتقۇ سوۋۇپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئادراسمان ئۇرۇقى مېيىنى مۇۋاپىق مىقداردا قائىدە بويىچە ئىچسە، مېڭىنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ، پالەچ، لەقۋا، ئەزالارنىڭ تىترىشى، سەرئى (تۇتقاق كېسەل)، پەيلەرنىڭ بوشىشىپ كېتىشى، يۈرەك قوزغىلىشقا پايدا قىلىدۇ. تاشقى تەرەپتىن چاپسا پەيلەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ. بەل، ئومۇرتقا سۆڭىكىگە چاپسا، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ. كلىزما قىلسا بەل، يانپاش ئاغرىقى، بۆرەك، بالىياتقۇ سوۋۇپ كېتىش ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ. يەرلىك ئورۇنغا سۈركىسە ئىششىق قايتۇرۇپ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ.