قىچا مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى: يۇقىرىقىلار بىلەن ئوخشاش.
تەركىبى: سىنېگرىندىن، قىچا ئېنزىمى، مىروزىن، قىچا كىسلاتاسى، قىچا ئالكالوئىدى، يەرياڭىقى كىسلاتاسى، ماي، ئاقسىل ۋە شىلىمشىق ماددىلار بار.
تەبىئىتى: تۆتىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: تېرىنى قىزارتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، يەرلىك ئورۇندىكى ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىش، سۇلۇق ئىششىقلارنى قايتۇرۇش، بەھەق (قارا داغ)، بەرەس (ئاقكېسەل)، تەمرەتكە، چاچ چۈشۈپ كېتىش، قىچىشقاقنى يوقىتىش، ھەزىم قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە قۇستۇرۇش، ئەپيۈن زەھىرىنى قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: قۇلاق ئاغرىقى، پالەچ، لەقۋا، سوغۇقتىن بولغان مېڭە كېسەللىرى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: قىچا مېيىنى قۇلاققا تېمىتسا، توسالغۇلارنى ئېچىپ ئاغرىق پەسەيتىدۇ. يەرلىك ئورۇنغا سۈركىسە، تېرىلەرنى سىلىقلاشتۇرىدۇ، پەي ۋە نېرۋىلارنىڭ سوۋۇپ كېتىشىگە سىرتتىن مايلىسا، ئىچىدىن مۇۋاپىق ئىچۈرسە بولىدۇ. مېيىنى سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ كىندىككە چېپىپ ئۈستىدىن ئىسسىق ئۆتكۈزۈلسە تەرلىتىپ زۇكامنى ساقايتىدۇ. پالەچ ئۈچۈن سىرتتىن مايلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. بەدەن سەزمەس بولۇپ قالغان بەل، تىز ۋە ئىچكى ئەزالار ئاغرىپ ئىششىپ قالغاندا، قىچا مېيىنى سىركە، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چاپسا تېرىنى قىزارتىپ، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، قان ئېقىمىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىچكى ئەزالاردىكى ئاغرىقنى توختىتىدۇ.