چالمۇگرا مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى: جۇۋاز ياكى سىقىش ماشىنىسى ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.
تەركىبى: چالمۇگرا كىسلاتاسى، ماي كىسلاتاسى گىلىتسېرىدى قاتارلىقلار بار.
تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: قىزارتىش، پارقىرىتىش، قان تازىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: ماخاۋ، بوغۇم ئاغرىقى، تەڭگە تەمرەتكە، قىچىشقاق، ئېكىزما، يىرىڭلىق جاراھەت ۋە باشقا تېرە كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: قاينىتىلغان سۈتكە تېمىتىپ (ئىككىدىن- ئون تېمىم) ئىچكۈزۈلىدۇ. ماخاۋنى داۋالاشتا قاينىتىلغان سۈتكە 2-10 تېمىم چالمۇگرا مېيىنى ئېلىشتۇرۇپ، ئاز دېگەندە 6 ئاي داۋاملاشتۇرىلىدۇ ھەمدە سىرتتىن مايلاپ تۇرۇلىدۇ. باشقا كېسەللىكلەرنى سىرتتىن مايلاپ بەرسە بولىدۇ. ئوكۇلىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: چالمۇگرا مېيىنىڭ پۇرىقى سېسىق بولغاچقا شىللىق پەردىنى غىدىقلاش تەسىرى كۈچلۈك، شۇڭا ئۇزۇن مۇددەت ئىچىشكە بولمايدۇ.