ساغلاملىق

ھاراق تاشلىغاندىن كېيىن بەدىنىڭىزدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

ھاراق تاشلىغاندىن كېيىن بەدىنىڭىزدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

1. كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتالايسىز

ئادەتتە ھەر 10 ئادەم ئىچىدە تۆت ئادەم ئىسپىرت سەۋەبىدىن ئۆلۈپ قالىدۇ، بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتقاندا، ھاراق تاشلىغاندىن كېيىن يارىلىنىش پۇرسىتىنى پۈتۈنلەي ئازايتقىلى بولىدۇ.

2. ھاراق تاشلىسىڭىز يۈرىكىڭىز تېخىمۇ ساغلام بولۇپ كېتىدۇ

سىز بىر ئىستاكان ئادەتتىكى قىزىل ھاراق ياكى باشقا ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى يۈرىكىڭىزگە پايدىلىق دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن بۇ پۈتۈنلەي توغرا ئەمەس، ئادەتتە ھاراق ئىچىش مىقدارىڭىز بىر قەدەر كۆپ بولسا، ھاراق ئىچىشنى ئازايتسىڭىز ياكى پۈتۈنلەي ھاراق تاشلىشىڭىز قان بېسىمىڭىز تۆۋەنلەيدۇ.

ھاراق تاشلىغاندىن كېيىن بەدىنىڭىزدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

3. سىزنىڭ جىگەر كېسىلىڭىز ساقىيىشى مۇمكىن

ھاراقنى كۆپ ئىچىش جىگەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ ھەمدە جىگەرنى ماي قاپلاش، جىگەر قېتىشىش ۋە باشقا مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھاراقنى ئاز ئىچسىڭىز ياكى ھاراق تاشلىسىڭىز، جىگەر ھۈجەيرىلىرىڭىز ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىدۇ، ھەتتا قايتا ھاسىل بولىدۇ.

4. سىز بەلكىم ئورۇقلاپ كېتىشىڭىز مۇمكىن

بىر ئىستاكان ئادەتتىكى پىۋىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تەخمىنەن 150 كالورىيەگە يېتىدۇ، بىر ئىستاكان ئۈزۈم ھارىقىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تەخمىنەن 120 كالورىيەگە يېتىدۇ. ئىسپىرتتىن يىراقلاشقاندا، بەدەن ئېغىرلىقىڭىز تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ.

5. كىشىلىك مۇناسىۋىتىڭىز ياخشىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن

ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنلىرىدا مۇۋاپىق ھاراق ئىچسە كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى ھەمدە باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىڭىزغا ياردەم قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن ھەر كۈنى بىر ئىستاكان ھاراقنى كۆپ ئىچسە، ساغلام بولمىغان ئادەتكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ھاراق تاشلاش سىزنى كىشىلىك مۇناسىۋەت، خىزمەت ۋە ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلىدىغان قىلىشى مۇمكىن.

ھاراق تاشلىغاندىن كېيىن بەدىنىڭىزدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

6. راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ

ناھايىتى ئېنىقكى كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچكەندە، كۆپ خىل راك كېسەللېكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ھاراقنى ئاز ئىچكەندە ياكى ھاراق تاشلىغاندا كۆپ راك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

7. ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىڭىز ياخشىلىنىشى مۇمكىن

ئەگەر ئىسپىرتنى قالايمىقان ئىشلەتسىڭىز ياكى ئىسپىرتقا مەستانە بولسىڭىز، ئەرلەر ئۆزىنى تۇتۇۋالالماسلىقى، ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسى تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن. ھاراقنى ئازايتىپ، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى رومانتىكلىقنىڭ قوزغىتىلغان-قوزغالمىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ.

8. تېخىمۇ ياخشى ئۇخلايسىز

ئىسپىرت دەسلەپتە سىزنى مۈگدىتىپ قويۇشى مۇمكىن. ئەمما ئىسپىرت سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇ كېچىدە سىزنى قايتا-قايتا ئويغىتىدۇ. ھاراق ئىچمەسلىكنى سىناپ بېقىڭ، شۇندىلا تېخىمۇ ئازادە ئارام ئالالايسىز.

9. ئاز ئاغرىپ قالىسىز

بىر ئىستاكان ھاراق ئىچسىڭىزمۇ 24 سائەت ۋاقىت ئىچىدە بەدىنىڭىزنىڭ باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىشىڭىز مۇمكىن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، كۆپ مىقداردىكى ئىسپىرت سىزنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىڭىز ۋە بەدىنىڭىزنىڭ ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۋېتىدۇ.

ھاراق تاشلىغاندىن كېيىن بەدىنىڭىزدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

10. كاللىنى سەگەك تۇتۇش

ھاراقنى كۆپ ئىچىش كىشىلەرنىڭ ئىشلارنى تەپەككۇر قىلىشى ياكى ئەستە تۇتۇشىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ. ھاراق تاشلىسىڭىز چوڭ مېڭىڭىز ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئىقتىدارلارنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى