ساغلاملىق

قايسى خىل نېرۋا كېسەللىكلىرىنى ئالاھىدە داۋالاش ھاجەتسىز؟

بەدەندە نۇرغۇن نېرۋىلار بولىدۇ، ئۇ خۇددى بىر تال يىپقا ئوخشاش ھەرقايسى ئەزالارنى تۇتاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ئەزالارنى نورمال ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. مەلۇم بىر نېرۋىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەندە، بەدەندىكى مۇناسىۋەتلىك ئەزالار تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ھەتتا پالەچ بولۇپ قالىدۇ ھەمدە ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر نېرۋا كېسەللىكلىرى ئىنتايىن ئېغىر دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بارلىق نېرۋا كېسەللىكلىرى ناھايىتى ئېغىر بولمايدۇ، بەزى نېرۋا كېسەللىكلىرىنى پەقەت قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرسىلا بولىدۇ، ئارتۇقچە داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق.

قايسى خىل نېرۋا كېسەللىكلىرىنى ئالاھىدە داۋالاش ھاجەتسىز؟

قايسى خىل نېرۋا كېسەللىكلىرىنى ئالاھىدە داۋالاش ھاجەتسىز؟
1. فىزىئولوگىيىلىك مېڭە يىگلەش (生理性脑萎缩)
مېڭە يىگلەش دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىدىن مەلۇمكى، چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ قېرىشقا، ئۆلۈشكە باشلىغانلىقى چوڭ مېڭە يىگلەش ھادىسىسى بولۇپ، ئادەتتە فىزىئولوگىيىلىك يىگلەش ۋە پاتولوگىيەلىك يىگىلەشتىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. فىزىئولوگىيىلىك مېڭە يىگلەشنى ئادەتتە داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ بەدەن تەدرىجىي قېرىش يېشىغا كىرگەندىن كېيىنكى بىر خىل كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، بۇ خىل ھادىسە ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ، داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش كېرەك، پۇتنى كۆپ ھەرىكەتلەندۈرۈپ، مېڭىنى كۆپ ئىشلەتكەندە، مېڭە يىگلەش جەريانىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.

قايسى خىل نېرۋا كېسەللىكلىرىنى ئالاھىدە داۋالاش ھاجەتسىز؟

2. ئ‍اراخنوئ‍ىد خالتىلىق ئىششىقى (蛛网膜囊肿)

كۆپ ساندىكى كىشىلەر خالتىلىق ئىششىقنى ئاڭلىغان ھامان قورقۇپ، ئۇنى ئۆسمىگە ئوخشاش ئۈزلۈكسىز چوڭىيىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بەدەنگە زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئ‍اراخنوئ‍ىد (ئۆمۈچۈك تورسىمان پەردە) خالتىلىق ئىششىقى بىر خىل تۇغما غەيرىي يېتىلىش خاراكتېرلىك ياخشى سۈپەتلىك كېسەللىك بولۇپ، ئاساسلىقى يېتىلىش جەريانىدا ئ‍اراخنوئ‍ىدنىڭ بىنورمال بۆلۈنۈشتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ھېچقانداق روشەن ئالامەتلىرى بولمايدۇ، شۇڭا كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان ھەمدە تۇرمۇش ۋە سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، ئارتۇقچە داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت قەرەللىك تەكشۈرتۈپ، ئەھۋالنى ئىگىلەپ تۇرسىلا بولىدۇ.
3. لاكۈنا مەنبەلىك مېڭە تىقىلمىسى (无症状腔隙性脑梗死)
مېڭە تىقىلمىسى تىلغا ئېلىنغاندا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلگەنلېكىنى ئېسىگە ئالىدۇ، ھەقىقەتەن مېڭە تىقىلمىسى بولسا ۋاقتىدا داۋالىغاندا ئاندىن ھاياتىنى قۇتقۇزۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما لاكۈنا مەنبەلىك مېڭە تىقىلمىسىنى مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق، بولۇپمۇ يېشى 50 ياشتىن كىچىك ھەمدە باشقا ھېچقانداق ئەگەشمە كېسەللىكلەر قوشۇلۇپ كەلمىگەن بولسا داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت ئادەتتە ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ياخشى باشقۇرسىلا ھەمدە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلسىلا بولىدۇ.
4. مېڭە ئاق ماددىسىنىڭ ئۆزگىرىشى (脑白质变性)
كۆپ ساندىكى كىشىلەر پەقەت تەكشۈرتكەن چاغدىلا بۇ خىل كېسەللىكنى بايقايدۇ، ئەمما بۇنى چۈشەنمەيدۇ، ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرگەندە كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بەردى دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە مېڭە ئاق ماددىسىنىڭ ئۆزگىرىشى نېرۋا تالالىرىنىڭ بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن زەخىملىنىشىدىن كېلىپ چىققان سوزۇلما چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدا يۈز بېرىدۇ، دەسلەپكى مەزگىلدە كۆپ ساندىكى كىشىلەردە روشەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ. شۇڭا دەسلەپكى مەزگىلدە بۇ خىل كېسەلنى تەكشۈرتكەندە، بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ھېچقانداق بىئاراملىق ئالامىتى كۆرۈلمىسە، ئارتۇقچە داۋالاش ھاجەتسىز، پەقەت ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، بەدەندە مەۋجۇت بولغان ئاساسىي كېسەللىكنى كونترول قىلسىلا، خۇددى يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەرۋىش قىلغانغا ئوخشاش تۇرمۇش شەكلىنى تەڭشىسىلا بولىدۇ.

قايسى خىل نېرۋا كېسەللىكلىرىنى ئالاھىدە داۋالاش ھاجەتسىز؟

ئومۇمەن ئېيتقاندا، نېرۋا گەرچە بەدەندە ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ، ئورنىنى باسالمايدىغان رولغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن بارلىق نېرۋا كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا توغرا كېلىۋەرمەيدۇ. بەزىلىرى ئادەتتە كۆپرەك دىققەت قىلسىلا زەخىملىنىشتىن ساقلىنىپ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە ئوخشاش تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەپ، يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلغاندىلا، بەدەننىڭ قىيىن ئەھۋالدا چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بىراق، يېشى چوڭىيىپ قالغان كىشىلەر نېرۋا كېسەللىكلىرىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نېرۋىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، بەزى مەسىلىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئ‍ېغىر ئەھۋاللارغا سەل قاراشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى