ساغلاملىق

بەدەندىكى ئەزالارنىڭ مېۋىگە بولغان تەلىپىنى بىلىۋېلىڭ

بەدەندىكى ئەزالارنىڭ مېۋىگە بولغان تەلىپىنى بىلىۋېلىڭ

يۈرەك: ئالمىغا ئەڭ ئامراق

ئالمىدىكى پولىفېنول ۋە فىلاۋون تۈرىدىكى ماددىلار قان-تومۇرلار ئاجىزلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ راۋانلىقىنى ساقلايدۇ، قاندىكى ياغ ۋە خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ. كۆپىنچە دوختۇرلار يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىك بىمارلىرىغا كۈندە ئالما يېيىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ.

بەدەندىكى ئەزالارنىڭ مېۋىگە بولغان تەلىپىنى بىلىۋېلىڭ

جىگەر: دولاناغا ئەڭ ئامراق، دۇريان ( 榴莲)دىن قورقىدۇ

دولانا چۈچۈمەل، تەبىئىتى مۆتىدىلرەك بولۇپ، تال، ئاشقازان، جىگەر تومۇرلىرىغا پايدىلىق. دولانانىڭ چۈچۈمەل تەمى جىگەردىكى ئىسسىقنى ياندۇرىدۇ. ئۇ ئاشقازانغا كىرسە، ئېنزىمنىڭ رولىنى كۈچەيتىپ، گۆشلۈك تائاملارنىڭ ھەزىمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا جىگىرىنى ماي قاپلىغانلار دولانانى كۆپرەك يېسە مۇۋاپىق. دۇرياننى جىگەر زەخمىلەيدىغان مېۋە دېيىشتىكى سەۋەب شۇكى، ئۇنىڭ قەنت ۋە ئېنېرگىيە مىقدارى زىيادە يۇقىرى بولۇپ، قەنت جىگەرنىڭ مېتابولىزم جەريانىدا ياغقا ئايلىنىپ، ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىقىنى پەيدا قىلىدۇ-دە، جىگەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

بەدەندىكى ئەزالارنىڭ مېۋىگە بولغان تەلىپىنى بىلىۋېلىڭ

ئۈچەي: ئەجدىھا مېۋىسىگە ئەڭ ئامراق

ئەجدىھا مېۋىسىدە ئوزۇقلۇق تالاسى مول بولۇپ، تەرەت راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە. ھەر 100 گىرام ئەجدىھا مېۋىسىدە 2.8 گىرام يېمەكلىك تالاسى بار. ئادەتتە ئاق رەڭلىك ئەجدىھا مېۋىسنىڭ يېمەكلىك تالا مىقدارى قىزىلىغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ.

بەدەندىكى ئەزالارنىڭ مېۋىگە بولغان تەلىپىنى بىلىۋېلىڭ

ئاشقازان: كۇلى بېھېسىغا ئامراق، ئەبنۇستىن قورقىدۇ

كۇلى بېھېسىدىكى ئاقسىل ئېنزىمى گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ پارچىلىنىشىغا ياردەم بېرىپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەبنۇستا تاننىن كىسلاتاسى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، ئەگەر ئاچ قورساققا كۆپ يەۋەتكەندە، ئاشقازان كىسلاتاسى ئاسانلا تاننىن كىسلاتاسى، مېۋە يېلىمى، سېللۇلوزا قاتارلىقلار بىلەن بىرىكىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرىدۇ ۋە ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ.

بەدەندىكى ئەزالارنىڭ مېۋىگە بولغان تەلىپىنى بىلىۋېلىڭ

بۆرەك: ئۈزۈمگە ئەڭ ئامراق، باناندىن قورقىدۇ

ئۈزۈمنىڭ سورتى ۋە رەڭگى كۆپ خىل بولۇپ، بۆرەككە يەنىلا قارا ئۈزۈم مەنپەئەت قىلىدۇ. باناندىكى مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بەدەن ئېھتىياجىدىن ئاشقانلىرى بۆرەك ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىلىدۇ، بۇ جەريانىدا كۆپ مىقداردىكى سۇنى بىرگە ئېلىپ كەتكەچكە، بۆرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ. شۇڭا كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككىدىن ئارتۇق بانان يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

بەدەندىكى ئەزالارنىڭ مېۋىگە بولغان تەلىپىنى بىلىۋېلىڭ

تال: چوڭ ئاپېلسىن (柚子)غا ئامراق، نەشپۈتتىن قورقىدۇ

چوڭ ئاپېلسىننىڭ يەلنى ھەيدەپ، بەلغەم بوشىتىش ۋە تال ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار. نەشپۈتنىڭ تەبىئىتى سوغۇققا مايىل بولغاچقا، كۆپ يېگەندە تال ۋە ئاشقازاننى زەخمىلەيدۇ. شۇڭا بىر كۈندە بىر تال نەشپۈت يېيىش ئەڭ مۇۋاپىق. نەشپۈتنى قاينىتىپ پىشۇرغاندا ئۇنىڭ سوغۇق تەبىئىتىنى ئاجىزلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى