ساغلاملىق

قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە قان شېكىرىنى تەكشۈرىمىز؟

1) كۆپ سىيىش، كۆپ يېيىش، كۆپ ئىچىش، بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەش. 

2) ھېرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆز تورلىشىش. 

3) ئاسانلا يۇقۇملىنىش ياكى يارا ئېغىزى ئاسان ساقايماسلىق. 

4) پۇتى ئۇيۇشۇش ۋە ئاغرىش.

5) تېرىگە چىيقان چىقىش، تېرە ۋە جىنسىي يول ئەتراپى قىچىشىش. 

6) جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلاش. 

7)تاماقتىن ئىلگىرى ماغدۇرسىزلىنىش، تەرلەش، قول-پۇتى تىترەش، قورساق ئاچقاندەك بولۇش قاتارلىق قان شېكىرى تۆۋەنلىك كۆرۈلگەندە. 

8) سېمىزلەر ۋە سېمىزلىك تارىخى بارلار. 

9)چوڭ تۇغۇش، بويىدىن ئاجراش، باش سۈيى كۆپىيىپ كېتىش، ھامىلە بالىياتقۇدا ئۆلۈپ قېلىش تارىخى بارلار. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى