ساغلاملىق

كاۋا قان شېكىرىنى چۈشۈرىدىغان دارىمۇ؟

خەلق ئارىسىدا كاۋا دىئابېت كېسىلىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى بار دېگەن سۆز كەڭ تارقالغان بولۇپ، بۇ مەسىلىنى بىمارلار دائىم سورايدۇ. بەزى ساقلىقنى ساقلاش مەھسۇلاتلىرىغا كاۋا قوشۇلغان. ئەگەر كاۋىنى شېكەرنى تۆۋەنلىتىش دورىسىمۇ دەپ سورىسا، چوقۇم بۇنىڭغا كاۋا شېكەرنى تۆۋەنلىتىش دورىسى ئەمەس دەپ جاۋاپ بېرەلەيمىز. ئۇ دورا ئەمەس، چۈنكى بارلىق دورىلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنى دورا دەپ ئاتايمىز. شۇڭا، ئۇ شېكەرنى تۆۋەنلىتىش دورىسى بولالمايدۇ.
ئۇنداقتا، نېمىشقا مۇشۇنداق گەپلەر تارقىلىدۇ؟ 
چۈنكى بۇرۇن كىشىلەر ھەقىقەتەن كاۋىنى ھايۋانغا تەجرىبە قىلغان بولۇپ، دىئابېت كېسىلىگە پايدىلىق بولغان دەپ قارىغان. بىراق مېدىتسىنا ئىلمىدىكىلەر بۇنى ئېتىراپ قىلمىغان. كىشىلەر دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار كاۋا يېگەندىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالى يېنىكلىگەن، بۇ كاۋىنىڭ تەركىبىدە بىر قەدەر كۆپ تالانىڭ بارلىقىدىن بولسا كېرەك، شۇنىڭ بىلەن قان شېكىرىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاشقان. ئۇنىڭدىن سىرت، بەزى بىمارلار كاۋىنى ئاشلىقنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكەن. 100 گرام كاۋىنىڭ تەركىبىدە 6.9 گرام كراخمال بار، پېلەكلىك ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە كاۋىنىڭ گراخمال مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بۇ ئەھۋالمۇ ئاق ئاشلىقنىڭ ئورنىغا قارا ئاشلىق ئىشلەتكەنگە ئوخشايدۇ. 
كاۋىنىڭ تەركىبىدە يەنە ئاز بولمىغان ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بار، شۇڭا دىئابېت بىمارلىرىغا پايدىلىق، ئۇ يېنىك ھەم دەسلەپكى باسقۇچتىكى دىئابېت بىمارلىرىغا پايدىلىق بولۇپ، قان شېكىرى يۇقىرى بولغان دىئابېت بىمارلىرىغا نىسبەتەن يەنىلا قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىشلىتىپ داۋالاش كېرەك. 
ئۇنىڭدىن باشقا، بىز تەجرىبىدىن ئۆتكەن رېتسىپلار ئارقىلىق كاۋىنىڭ دىئابېت كېسىلىگە بولغان ئۈنۈمى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرسەك بولىدۇ. يەنى مەلۇم نىسبەتتىكى بىمارلارنىڭ كاۋا يېيىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى قان شېكىرىنى ئۆلچەپ سېلىشتۇرىمىز. ئەگەر كاۋىنى بىر قىسىم ئاشلىقنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولسا ھەم كونترول قىلىش نىشانىمىزغا يېتەلىسەك، ئۇنى ئۈزلۈكسىز ئىشلەتسەك بولىدۇ. ئەگەر كاۋا ئىشلەتكەندىن كېيىن قان شېكىرى تۆۋەنلىمىسە ياكى كونترول قىلىش نىشانىمىزغا يەتمىسە، بالدۇرراق قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىشلەتسەك بولىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ ھېس-تۇيغۇمىزنى ئاساس قىلىشقا ھەم سۈيدۈكتىكى شېكەرنى ئۆلچەش نەتىجىسىگە قاراشقا بولمايدۇ. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى