ساغلاملىق

سېمىزلىك بىلەن دىئابېت كېسىلىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

بەزىلەر سېمىزلىكنىڭ سۆڭەك شالاڭلىشىش پەيدا بولۇشنى ئازايتىشتىن باشقا، ھېچقانداق پايدىسى يوق دەيدۇ. سېمىزلىكنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ. بىرىنچىدىن، نورمال ئەھۋالدا ماي ھۈجەيرىلىرىدىكى ئىنسۇلىن ئاكسىپتورىنىڭ تەنچە سانى مۇقىم بولىدۇ. سېمىزلەردە ماي ھۈجەيرىلىرىنىڭ كېڭىيىشى، ھۈجەيرە ھەجمىنىڭ چوڭىيىشى، ئىنسۇلىن ئاكسىپتورىنىڭ زىچلىقىنىڭ تۆەنلىشى سەۋەبىدىن ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرلۈكى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ھەم قاندىكى شېكەر ئاسانلا يۇقىرىلاپ كېتىدۇ. قاندىكى شېكەرنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاشقازان ئاستى بېزى جىددىي خىزمەت قىلمىسا بولمايدۇ. كۆپلەپ ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقارغاندا ئىنسۇلىنلىق قان كېسەللىكى كېلىپ چىقىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاشقازان ئاستى بېزى چارچاپ خىزمەت ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. قاننىڭ ئىنسۇلىن كۈچى تۆۋەنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاندىكى شېكەر يۇقىرىلايدۇ، ئاخىرىدا دىئابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىككىنچىدىن، سېمىزلەرنىڭ ھەرىكىتى قۇلايسىز بولغاچقا، ھەرىكەت مىقدارى ئازلايدۇ. ھەرىكەت ئاز بولۇش ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن. بەلكى شېكەرنىڭ ماددا ئالمىشىشىنىمۇ ئاستىلىتىۋېتىدۇ ۋە قاندىكى شېكەرنى يۇقىرىلىۋېتىدۇ. ئۈچىنچىسىن، سېمىزلەر ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىم ۋە قاندىكى ماي ماددىسى نورمال بولماسلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ ھەم قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئاشىدۇ. 

بەزىلەرنىڭ بايقىشىچە، قان بېسىمى يۇقىرى بولۇش، قاندىكى ماي مىقدارى نورمال بولماسلىق، قان يېپىشقاقلىقى يۇقىرى بولۇش قاتارلىقلار دىئابېت كېسىلى پەيدا بولۇشنىڭ مۇھىم ئامىلىكەن ھەمدە بۇ «ئۈچ يۇقىرىلاش» كۆرۈلگەنلەردە قاندىكى شېكەر ئاسانلا يۇقىرىلاپ كېتىدىكەن، ئاقىۋەتتە «تۆت يۇقىرىلاش» كېلىپ چىقىدىكەن ھەمدە دىئابېت كېسىلى پەيدا بولىدىكەن. ئەمەلىيەتتە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپلىگەن دىئابېت كېسىلى تارقىلىشچان كېسەللەر ئىلمىلىك تەكشۈرۈشمۇ بۇنى ئىسپاتلىدى. بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلەر ياكى سېمىزلەرنىڭ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكېلەرنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. شۇڭا، دىئابېت كېسىلىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن چوقۇم ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنى كونترول قىلىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى