ساغلاملىق
چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا قەھۋە ئىچىش دىئابىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
برازىلىيە سان پاۋلو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار 70 مىڭ ئايالنى 11 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن ، چۈشلۈك تاماقتا ئاز بولغاندىمۇ بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچسە ، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ قەھۋە ئىچمىگەنگە قارىغاندا 3/1 ئاز بولىدىغانلىقىنى بايقىغان .
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئاشكارلىنىشچە ، ھەر كۈنى ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ ئىستاكان قەھۋە ئىچىدىغان ئايالنىڭ دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى%27 تۆۋەن بولىدىكەن . چۈشلۈك تاماقتا بىر ئىستاكاندىن ئارتۇق قەھۋە ئىچىدىغان ئايالنىڭ باشقا ئاياللارغا قارىغاندا دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى%33 تۆۋەن بولىدىكەن .