قايسى ئالامەتلەر 2-تىپلىق دىئابىت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟
بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش: ھۈجەيرىدە ئىنسۇلىنغا قارشىلىق پەيدا بولغاندا قان تەركىبىدىكى ئىنسۇلىن تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىشتىھا ئېچىلىپ، بەدەن ئېغىرلىقى ئاشىدۇ.
كۆرۈش كۈچى توسقۇنلۇققا ئۇچراش: قاندىكى شېكەر يۇقىرىلاپ كۆرۈش تور پەردىسىدىكى قىل قان تومۇرلاردا كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆرۈش غۇۋالىشىدۇ.
ئاسان چارچاش: ھۈجەيرىلەر يېتەرلىك بولغان گلۇكوزا بىلەن تەمىنلىنەلمەيدۇ ھەمدە ئۈنۈملۈك ئوكسىدلانغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىنەلمەيدۇ، ئاخىرىدا پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.
ئاسان يۇقۇملىنىش: تېرە ئاسان يۇقۇملىنىدۇ، قىزىرىپ ئىششىش، يىرىڭداش، ئاغرىش ۋە يەرلىك ئورۇن قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. يۇقۇملانغان ئورۇن ئاسان ئەسلىگە كەلمەيدۇ. ئاياللار ئۇزۇن ۋاقىت ساقايمايدىغان مىكروبلۇق جىنسىي يول ياللۇغىغا گىرىپتار بولىدۇ.
باشقا كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى: قاندىكى قەنت يۇقىرىلاش تۈپەيلىدىن ئېغىز بوشلۇقى قان تومۇرلىرىغا تەسىر يېتىپ، چىش مىلىكى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.