ساغلاملىق

دىئابېت كېسىلى دېگەن نېمە؟

دىئابېت كېسەللىكى بەدەندىكى ئىنسۇلىننىڭ مۇتلەق ياكى نىسپىي يېتىشمەسلىكىدىن ياكى توقۇلمىلارنىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرلۈكىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل يىغىندى ئالامەت. ئۇنىڭدا ئۇسساش، كۆپ سىيىش، كۆپ ئىچىش، كۆپ يېيىش، ھارغىنلىق ۋە بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەش قاتارلىق كلىنكىلىق ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەردە يۇقىرىقىدەك كلىنىكىلىق ئىپادىلەر كۆرۈلمەيدۇ. دىئابېت كېسەللىكى كېتونلۇق كىسلاتادىن زەھەرلىنىش ياكى باشقا بىر خىلدىكى ئوتتۇرا خاراكتېرلىك مېتابولىزم قالايمىقانلىشىش كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىمارنىڭ ھاياتىغا بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە كۆپلىگەن سوزۇلما خاراكتېرلىك ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى، مەسىلەن: يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، سۇسىزلىنىش، بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە سەۋەپچى بولۇش ۋە مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دىئابېت كېسەللېكىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئېرسىيەت ئامىلى، ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش، ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتىنىڭ ئۆزگىرىشى، يېمەكلىك، جىسمانىي ھەرىكەت، ھامىلدارلىق قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى