ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ كۈچ سىنىشىشى
بىز ئىنسانلار ھەمىشە ئۆزىمىزنى تەبىئەتنى بويسۇندۇرالايمىز دەپ قارايمىز، شۇڭلاشقا بىز يەر شارىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا مەدەنىيەت ئىزلىرىنى قالدۇرىمىز. ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ كۈچ سىنىشىشى ئەزەلدىن توختاپ قالغىنى يوق، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان مىساللىرىمۇ ئاز ئەمەس، بۈگۈن بىز شۇ مىساللاردىن بىر نەچچىنى ئەسلەپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلار تەرىپىدىن ئاللىقاچان ئۇنتۇلغان، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان شۇ مەنزىرىلەرنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.
ئورمانلىقتىكى بىر تاشلاندۇق رېلىس.
گۇئام ئارىلىنىڭ تېيىز سۇ رايونىدا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە چۈشۈپ كەتكەن ياپونىيە ئايروپىلانى جىمجىت ياتماقتا.
1916-يىلى ئاۋستىرالىيەدىكى كىرك قولتۇقىدا تېيىز سۇدا توختاپ قالغان پاراخوت 100 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئاللىقاچان ھاياتىي كۈچكە تولغان يىگانە ئارالغا ئايلىنىپ قالدى.
ياپونىيە فۇكۇشىما يادرو ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن، تەبىئەتتىكى يېشىل رەڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئىزنالىرىنى قايتىدىن ئاستا-ئاستا قوينىغا ئالدى.
ئېلىمىزنىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى جۇشەن تاقىم ئارىلىدىكى بىر تاشلاندۇق بېلىقچىلىق كەنتى.
بىر تاشلاندۇق ئۆي ئىلگىرى چاسا شەكىللىك ئىدى، ھازىر پاراللېل تۆت تەرەپلىككە ئۆزگىرىپ قالدى.
بالىلار چۆچىكىدەك گۈزەل نورۋېگىيە
گېرمانىيەدىكى بىر تاشلاندۇق قەلئە، چوڭ دەرەخ «ۋارتا»غا ئايلاندى.
بېنگالدىكى فىكۇس دەرىخى ئوراپ تۇرغان قەدىمىي قۇرۇلۇش.
ئەسلىدە بۇ يەر يۇمىلاق شەكىللىك تىياتىرخانا ئىدى، ھازىر پەلەمپەيسىمان ئورۇندىكى «تاماشىبىنلار»نىڭ ئورنىغا دەرەخلەر ئالماشتى.
جېجياڭنىڭ چۈنئەن ناھىيەسى چيەنداۋ كۆلىنىڭ سۇ ئاستىدىكى «قەدىمىي شەھەر».
17-ئەسىردىكى بۇ قەبرە تېشىننى دەرەخ ھامان بىر كۈنى پۈتۈنلەي يۇتۇۋېتىدىغاندەك قىلاتتى.
دەل-دەرەخ ۋە ئوت-چۆپلەر بىلەن قاپلانغان بىنا، ئىنسانلار ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان «يېشىل تۇرالغۇ»
تاشلاندۇق پارنىكتا خالىغانچە ئۆسكەن ئاگاۋا
رۇسىيەنىڭ مەلۇم جايىدىكى تاشلاندۇق بازار.
ياپونىيەدىكى بىر سۈنئىي ئارال.
ئىلگىرى بۇ بىر كىنوخانا ئىدى.
ئىلگىرى دەرەخ يېنىغا تاشلىۋېتىلگەن ۋېلىسپىت ھازىر ئاللىبۇرۇن دەرەخ بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتتى.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كېرەكسىز رېئاكتىپ پويىزى قارىماققا فانتازىيەلىك فىلىمدىكى نەرسىدەك كۆرۈنىدۇ.
رۇسىيەدىكى تاشلىۋېتىلگىنىگە 30 يىل بولغان ئالەم ئايروپىلانى.
چەكلەنگەن رايون ۋە يىراقتىكى چېرنوبىل 4-نومۇرلۇق رېئاكتور.
بىر تاشلاندۇق سۇ جانلىقلىرى سارىيىدىكى چىرىپ كەتكەن ئاق ئاكۇلانىڭ جەسىتى.
ئاۋسترالىيەدىكى بىر تاشلىۋېتىلگەن ياۋايى ھايۋانلار باغچىسى.
ياپونىيەدىكى بىر تاشلىۋېتىلگەن باغچا.
مەلۇم دۆلەتتىكى 1 مىليارد 300 مىليون مەبلەغ سېلىنغان «قەلئە بازىرى» تۈرى ۋەيران بولغان قۇرۇلۇش بولۇپ، ھازىر ئىسمى جىسمىغا لايىق «ئالۋاستى شەھىرى»گە ئايلاندى.
تاشلىۋېتىلگەن سۇ ئاستىدىكى ئاشخانا.
ئانتاركتىدا قىتئەسى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كەتكەن بىر سەيلە كېمىسى.
تاشلاندۇق سۇ ئامبىرىدىن ئۈسۈپ چىققان دەرەخ.
پۈتۈنلەي يېشىللىق بىلەن ئورالغان ئۆي.