ئالەم

«ئىرادە» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى مارستىكى قونغان ئورۇنغا رەسمىي ئىسىم قويۇلدى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) «ئىرادە» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى مارستىكى قونغان ئورۇنغا رەسمىي ئىسىم قويغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ قونۇش نۇقتىسىغا «ئوكتاۋىيا ئې باتلېر قونۇش نۇقتىسى» (Octavia E. Butler Landing) دەپ رەسمىي نام بېرىلدى. ئوكتاۋىيا ئې باتلېر ئامېرىكىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن ئىلمىي فانتازىيەلىك رومان يازغۇچىسى. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى قۇرۇقلۇققا چىقىش نۇقتىسىغا رەسمىي ئىسىم قويۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، مارسنى چارلاش ئوربىتا ئۈسكۈنىسىدىن كەلگەن يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تەسۋىر ھاسىل قىلىش فوتو ئاپپاراتى HiRISE نىڭ سۈرىتىنى ھەمبەھىرلىدى.

«ئىرادە» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى مارستىكى قونغان ئورۇنغا رەسمىي ئىسىم قويۇلدى

بۇ سۈرەتنى تارتقان HiRISE ئاپپاراتىنى ئارىزونا ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرىدۇ. مارسنى چارلىغۇچى ئوربىتا ئەسۋابىنى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى رېئاكتىپ ئىتتىرگۈچ تەجرىبىخانىسى باشقۇرىدۇ، بۇ تەجرىبىخانا كالىفورنىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ پاسادېنادىكى بىر تارمىقى. باتلېر كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ پاسادېنا دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 2006-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. باتلېر ئامېرىكىنىڭ ئىلمىي فانتازىيەلىك ھېكايە يازغۇچىسى، ئۇ كۆپ قېتىم ھيۇگو مۇكاپاتى ۋە تۇمانلىق (Nebula) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

«ئىرادە» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى مارستىكى قونغان ئورۇنغا رەسمىي ئىسىم قويۇلدى

ئۇ 2021-يىلىغا قەدەر ماك ئارتور ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىردىنبىر فانتازىيە يازغۇچىسى ھېسابلىنىدۇ. «ئىرادە» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ مارس يۈزىدىكى ۋەزىپىسى ئەمدىلا باشلاندى، ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئاسمان جىسىملىرى بىيولوگىيەسى. بۇ ئالەم ئۇچقۇسىنىڭ بىر نىشانى قەدىمكى مىكرو جانلىقلارنىڭ ھاياتلىق ئالامەتلىرىنى ئىزدەش بولۇپ، ئۇ يەنە يەر شارىنىڭ گېئولوگىيەسى ۋە بۇرۇنقى كىلىماتىنى تەسۋىرلەشكە كۈچ چىقىرىدۇ.

«ئىرادە» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى كەلگۈسىدە ئىنسانلارنىڭ مارس ئۈستىدە ئىزدىنىشى ئۈچۈن بەلگىلىك دەرىجىدە يول ئېچىپ بېرىشكە ياردەم بېرىدۇ ھەمدە كەلگۈسى ئىزدىنىشكە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن بىرىنچى بولۇپ مارس تېشى ۋە تۇندىرا تېشىنى يىغقان ۋە ساقلىغان ۋەزىپە بولۇپ قالىدۇ. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى ۋەزىپىسى ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ ئەۋرىشكېلەرنى ئېلىپ كېلىشتۇر. ئۇلار ئالەم كېمىسىنى مارسقا ئەۋەتىپ، مارسنىڭ يۈزىدىن ھىملانغان ئەۋرىشكىنى ئالىدۇ ھەمدە ئۇنى يەر شارىغا ئېلىپ كېلىپ ئانالىز قىلىدۇ.

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى مارستىكى ئەمەلىي ئەۋرىشكېلەرنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئالىملارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ، مارس يۈزىگە يەتكۈزگىلى بولمايدىغان ئەسۋابلاردىن پايدىلىنىپ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى يەنە بىر قىسىم ئەۋرىشكېلەرنى زاپاس ساقلاپ، كەلگۈسىدىكى ئالىملارنىڭ ھازىر يوق قوراللار ۋە ئۇسۇللار بىلەن تەتقىقات قىلىشى ئۈچۈن تەمىنلەيدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى